ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى

日期:2023年03月20日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسى باشمەھەللە كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كۆكتاتلىقتا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان مەنزىرىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدىغان بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەزىلىرى كىچىك ئەگمە پارنىك ياسىدى، بەزىلىرى مەھەللىۋى ئوغۇت دۆۋىلىدى، بەزىلىرى مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتىدى... تىرىشقانلارغا باھار بالدۇر كېلىدىغان ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

باشمەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى مۇرسىلىن جاپپارنىڭ ھويلىسىغا كىرگىنىمىزدە، مۇرسىلىن ئەگمە پارنىكتىكى كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆرۈپ چىقىۋاتاتتى. مۇرسىلىن جاپپار مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر مەن ئۆينىڭ ئالدى-كەينىدىكى سەككىز پۇڭ يەرگە پالەك ۋە شياۋبەسەي تېرىغانىدىم، ئۆزىمىز يەپ ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلارغا بەرگەندىنباشقا، يەنە بازارغا ئاپىرىپ ساتتىم.

مۇرسىلىن جاپپار مۇنداق دېدى: «ئۆيدىكىلەر يەپ تۈگىتەلمىگەنكۆكتات، مېۋىلەرنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ، ئائىلەمنى قامدىدىم. بۇلتۇر ھويلامنىڭ يېنىدىكى 15 تۈپ شاپتۇل ۋە تۆت تۈپ چىلان دەرىخىدىن 2800 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم».

كەنت ئاھالىلىرى ئۆينىڭ ئالدى-كەينىدىكى كۆكتاتلىقتا ئالدىراش ئىشلىمەكتە(مەركىزىي رادىيو ئىستانسىسى تورى تارقاتقان سۇڭ شۆمېي فوتوسى)

بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مۇرسىلىن جاپپار كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە يوپۇرماقلىق كۆكتات تېرىدى، ھازىر كۆكتات مايسىلىرى ئۈنۈپ چىقتى، يەنە 20 كۈن ئەتراپىدا يىتىلىدۇ.

«كەنت <ئىككى كومىتېت>ى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دائىم ئۆيىمىزگە كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىمىزنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، پارتىيەنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ، يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلىپ بەردى. بۇلتۇر كەنت <ئىككى كومىتېت>ى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتى ماڭا تونۇشتۇرغان يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى كۆكتات ئۆستۈرۈشنى ئۆگەتتى.» دېدى مۇرسىلىن جاپپار خۇشال ھالدا.

يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى كەنت ئاھالىلىرىگە تېرىقچىلىقتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا يېتەكچىلىك قىلماقتا(مەركىزىيرادىيو ئىستانسىسى تورى تارقاتقانسۇڭ شۆمېي فوتوسى)

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەسى گۈلباغ يېزىسىنىڭ باشمەھەللە كەنتى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ پايدىسى ھەققىدە زور كۈچ بىلەن لېكسىيە سۆزلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش تۈرلىرىدىن ياخشى، جانلىق پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە پولات تۇرۇبىلارنى ئېگىپ، ئەگمە پارنىك ياساش، سولياۋ يوپۇق يېپىشقا ياردەملىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە قانداق ئۇرۇقلۇق تاللاش، قانداق كۆكتات تېرىشنى قولمۇ قول ئۆگەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە، باش مەھەللە مەھەللە كەنتىدە جەمئىي 57 كىچىك ئەگمە پارنىك ياسالدى، ئەگمە پارنىكنى %70ى بىر تۇتاش بولۇش، %30ىنى ئەركىن ياساشئۇسۇلى بويىچە ياسلىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، بىر تۇتاش بازارغا سېلىپ، كۆكتات ئۆستۈرۈشنى كۆلەملەشتۈرۈپ، كۆكتات بىلەن تەمىنلەشنىڭ بازار ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

باشمەھەللە كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى سۇڭ شۆمېي مۇنداق دېدى: «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، باشمەھەللە كەنتىدىكى كادىرلار ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئاممىغا لوپنۇر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ <373> ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش سىستېمىسىنى تەشۋىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەسىنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا، ئولتۇراقلىشىش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ۋە گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇشقا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆيىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بوش يەرلەردىن پايدىلىنىپ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، كىچىك ھويلا-ئاراننى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىيدىغان <گۆھەر پارنىك> ۋە <تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ> كە ئايلاندۇردى».

«تىيانشان تورى»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى