يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچ قوشتى

日期:2023年03月03日
来源:天山网
【字体:

2-ئاينىڭ 26-كۈنى، سودىگەرلەر ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئىگىلىمەكتە. شۇ كۈنى، ئارال شەھىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش يەرمەنكىسى ئۆتكۈزدى، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 20 نەچچە كارخانا ئېلىپ كەلگەن ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى، پاختا يىغىش ماشىنىسى، ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئۈسكۈنىلىرى شۇ جايدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىشقاجەلپ قىلدى.

ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 26-كۈنى، سودىگەرلەر ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئىگىلىمەكتە.

ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 26-كۈنى، سودىگەرلەر ئۇرۇق سېلىش ماشىنسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئىگىلىمەكتە.

ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 26-كۈنى، سودىگەرلەر پاختا يىغىش ماشىنىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقماقتا.

ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى

2-ئاينىڭ 26 -كۈنى، ساۋەن شەھىرى گۇاڭدا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ياساش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى سودىگەرلەرگە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تونۇشتۇرماقتا. ھازىر، بۇ شىركەت پۈتۈن كۈچى بىلەن بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، 200دىن ئارتۇق بىرلەشمە يەر تۈزلەش سىيالكىسى، 250تىن ئارتۇق يەر تۈزلەش ماشىنىسى، 200دىن ئارتۇق خادىلىق پۈركۈش ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىپ، مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىچى -سىرتىغا سېتىپ، جايلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئازات يۈسۈپجان فوتوسى

2-ئاينىڭ 26-كۈنى، ساۋەن شەھىرى گۇاڭدا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ياساش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى زاپچاسلىرىنى تىزماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئازات يۈسۈپجان فوتوسى

2-ئاينىڭ 26-كۈنى، ساۋەن شەھىرى گۇاڭدا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ياساش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئازات يۈسۈپجان فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى