قومۇل قوغۇنى ئېكسپورت قىلىنامدۇ؟ قومۇل تاموژنىسى قوغۇنچى دېھقانلارغا مۇھىم نۇقتىلارنى چۈشەندۈردى

日期:2023年03月01日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر فۇ مىنجيې

قۇرۇق، يېڭى مېۋىلەرنى ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك؟ مېۋە-چېۋىلىرى چېگرادىن چىقىرىلىدىغان مېۋىلىك باغنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قانداق بېجىرىدۇ؟

قومۇلدىكى يەرلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى كېڭەيتىشكە كۈچ قوشۇشئۈچۈن، يېقىندا قومۇل تاموژنىسى قومۇل شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىئىمپورت-ئېكسپورتسودىسىسۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، 15 يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسى ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ۋەكىللىرىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش تەرتىپىۋە سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈردى.

2022-يىلى، قومۇل تاموژنىسى تۇنجى قېتىم تەۋەلىكىدىكى مېۋە-چېۋىلىرى چېگرادىن چىقىرىلىدىغانئىككى مېۋىلىك باغنى رويخەتكە ئېلىشنى تاماملىغان بولۇپ،تېرىلغۇكۆلىمى جەمئىي 1800 موغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى جياشياڭ مېۋە-چىۋە ئۆستۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قومۇل تاموژنىسى ۋە قومۇل شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ياردىمىدە127 مو باغنى رويخەتكەئالدۇردى، ھوسۇل ئالغان380 توننا قوغۇننىڭ ھەممىسىنىۋېيتنام، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىپ، قومۇل شەھىرىدىكىمېۋە-چېۋىلىرى چېگرادىن چىقىرىلىدىغانمېۋىلىك باغلارنى رويخەتكە ئالدۇرغان تۇنجىكارخانا بولۇپ قالدى.

2022-يىلى 7-ئاي، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى راھەتباغ يېزىسى قومۇل قوغۇنى كۆرگەزمە بېغىدىكى پارنىكتا تېرىلغان قوش پەسىللىك قومۇل قوغۇنى(ماتېرىيال سۈرىتى).

سۈرەتنى ئېۋىرغول رايونلۇق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن 

«بۇ يىل، بىز يېڭىدىن 3000 مو مېۋىلىك باغنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ،قومۇل قوغۇنىنى ئېكىسپورت قىلىپ سىرتقا سېتىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىشنى پىلانلاۋاتىمىز». جياشياڭ مېۋە-چىۋە ئۆستۈرۈشدېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ دىرېكتورى ليۇ جيالىن مۇنداق دېدى: قومۇل قوغۇنىنى ئېكسپورت قىلىپ سىرتقا سېتىشنىڭ پايدىسى بىر قەدەر ياخشى، بۇ يىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش تەرتىپى ۋە سىياسەتلىرىگە ئاساسەن، ئېكسپورت داۋامىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى بىرمۇبىر ھەل قىلىمىز، «باشقا ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىزنىڭ بۇ يەردىن تەجرىبە ئېلىشنى ئويلىسا، بىز بارلىق تەجرىبىلىرىمىزنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ، قومۇل قوغۇنى ئېكسپورت ئىشلىرىنى بىرلىكتە قىلىمىز».

«كارخانىلارغا قانداق رويخەتكە ئالدۇرۇش، چەت ئەللىك سودىگەرلەر بىلەن قانداق ئۇدۇللىشىش قاتارلىق ھالقىلارنى چۈشەندۈردۇق. قومۇل شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، قومۇل تاموژنىسى باشلامچى بولۇپ كارخانىلارنى رويخەتكە ئالدۇرۇش جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى، قومۇل شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى باغۋەنلەر بىلەن چەت ئەل بازارلىرىنى ئۇدۇللاشتۇردى». قومۇل تاموژنىسىئۇنىۋېرسال كەسىپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈمباشلىقى يۈ جىفېڭ مۇنداق دېدى: قومۇل تاموژنىسى داۋاملىق «يېشىل يول» ئېچىپ، كارخانىلارنىڭ مېۋە-چېۋە، كۆكتات ئېكىسپورتىدىكىئەسلىي ئىشلەپچىقارغان جاي گۇۋاھنامىسىنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىشىگە ياردەملىشىپ، كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ تاموژنا بېجى ئېتىبار سىياسىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا،تېخىمۇ كەڭ چەت ئەل بازارلىرىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى