شىنجاڭ: «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، جۇڭيى تېبابىتى كەسپىگە يېزىلاردىن زاكاز بويىچە نىشانلىق ھەقسىز ئوقۇيدىغان 450تىن 500گىچە مېدىتسىنا كەسپى ئوقۇغۇچىسى قوبۇل قىلىنىدۇ

日期:2023年02月27日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسىي قاتلام جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ <14-بەش يىل>لىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش لايىھەسى» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىندى.

«يولغا قويۇش لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى:ئاساسىي قاتلامجۇڭيى دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەش كېڭەيتىلىدۇ. جۇڭيى تېبابىتى تۈرىدىكى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش، ياردەمچى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش، خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تەربىيەلەش قاتارلىقلارداۋاملىق قانات يايدۇرۇلۇپ، جۇڭيى تېبابىتى تۈرىدىكى كەسىپلەردەزاكاز بويىچە يېزىلارغا نىشانلىق ھەقسىز ئوقۇيدىغان مېدىتسىنا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەپ بېرىش داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، ئاساسىي قاتلام ئۈچۈن تۇرۇپ قالىدىغان، ئەسقاتىدىغان بىر تۈركۈم جۇڭيى تېبابىتى ئىختىساسلىقلىرى ھەقسىز، نىشانلىق، ئىشتات بويىچە تەربىيەلىنىدۇ. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، جۇڭيى تېبابىتى كەسپىگە يېزىلاردىن زاكاز بويىچە نىشانلىق ھەقسىز ئوقۇيدىغان 450تىن 500گىچەمېدىتسىنا كەسپى ئوقۇغۇچىسى قوبۇل قىلىنىدۇ، جۇڭيى تېبابىتى كەسپىگە ئاپتونوم رايوننىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىن زاكاز بويىچە نىشانلىق ھەقسىز ئوقۇيدىغان 200دىن250كىچەمېدىتسىنا كەسپى ئوقۇغۇچىسى قوبۇل قىلىنىدۇ، جۇڭيى تېبابىتى تۈرى بويىچە 600دىن 700گىچە ئۇنىۋېرسال دوختۇرنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش، خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىلىدۇ، 400دىن 500گىچەجۇڭيى تېبابىتى دوختۇرىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى بويىچە ياردەمچى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىتەربىيەلەشنىقانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىلىپ، ھەربىر جۇڭيى تېبابىتى سارىيى ئۈچۈن بىردىن ئىككىگىچە تايانچ ئىختىساسلىقلىرىتەربىيەلەپ بېرىلىدۇ. ئاساسىي قاتلامدا غەرب تېبابىتى دوختۇرلىرىجۇڭيى تېبابىتىنى ئۆگىنىش بويىچە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈش قانات يايدۇرۇلۇپ، جۇڭيى تېبابىتىنى ئۆگەنگەن غەرب تېبابىتى خادىملىرىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىپ، بەش يىلچەۋاقىتتا خادىملارنى تەربىيەلەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈلۈپ، «جۇڭيى تېبابىتىنى بىلىدىغان، غەرب تېبابىتىدىن خەۋىرى بار» بىر تۈركۈم ئاساسىي قاتلام دوختۇرلىرى تەربىيەلەپ چىقىلىدۇ. ھازىر بار بولغان ئاساسىي قاتلام جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى خادىملىرىنىڭ ئىش ئورنىدا تەربىيەلىنىش، سىرتقا چىقىپبىلىم ئاشۇرۇش، ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىقئىش ئورنى ماھارىتى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارىئۆستۈرۈلۈپ، كىلىنىكا تۈرىدىكى دوختۇرلارنىڭ باھالاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئاساسىي قاتلامدىكى داڭلىق پېشقەدەم جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرىۋارىسلىق قىلىشئىشخانىسى قۇرۇلۇشى سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، 2025-يىلىغا بارغاندا، 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەربىر ناھىيە دەرىجىلىك جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش ئاپپاراتىدا بىردىن ئىككىگىچە ۋارىسلىق قىلىش ئىشخانىسى قۇرۇلۇپ، پېنسىيەگە چىققان جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرلىرى ۋە جۇڭيى تېبابىتى تېخنىكىسى جەھەتتە ھەقىقەتەن ئارتۇقچىلىقى بار دوختۇرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا، ئاساسىي قاتلامدىكى داڭلىق پېشقەدەم جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇتەخەسسىسلىرىۋارىسلىق قىلىش ئىشخانىسى تۈر قۇرۇلۇشى ئورۇنلىرىنىڭ قەرەللىك ھالدا يېزا-بازارلىق دوختۇرخانىلار، كەنت داۋالاش ئۆيىگە بېرىپ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش، يېتەكلەش-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىلىك جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى كەسپىگە نۇقتىلىق يېتەكچىلىك قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى