كىچىك ياڭيۇ چوڭ بۆسۈش! شىنجاڭدا 2000 مولۇق ياڭيۇ يادرولۇق سىناق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلىدۇ

日期:2023年02月23日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگو ئاخبارات تورى، ئۈرۈمچى، 2-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر ۋاڭ شياۋجۈن) 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ ياڭيۇ كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق تېخنىكا تەتقىقات تۈرىنى قوزغىتىش ھەميولغا قويۇش لايىھەسى مۇھاكىمە يىغىنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى.

شىنجاڭ ياڭيۇ ئۇرۇقچىلىق كەسپى تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يادرولۇق سىناق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن 2000 مو قۇرۇپ، بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسىنى ئەسلىدىكى سورت ۋە تېخنىكىدىن ٪10تىن ئارتۇق ئاشۇرۇپ، ياڭيۇ ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرىسۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

«بۇ تۈر ياڭيۇكەسپىدە يەككە قوللاش سوممىسى ئەڭ كۆپ تۈر ھېسابلىنىدۇ.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسال تەجرىبە مەيدانىنىڭ مەيدان باشلىقى رېن خۇڭسۇڭ مۇنداق دېدى: تۈر تۆت يىل داۋاملىشىپ، جەمئىي 15 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، «شىنجاڭ ياڭيۇ ئۇرۇقلۇق پىلازمىسىبايلىقىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە زەھەرسىز ئۇرۇقلۇق ياڭيۇ كۆپەيتىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە قوللىنىش» «شىنجاڭ ياڭيۇسىنى يېشىل، يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە توپلاشتۇرۇپ قوللىنىش»«شىنجاڭ ياڭيۇسىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ھەم قوشۇمچە مەھسۇلاتلارنى بايلىقلاشتۇرۇپ پايدىلىنىش ھالقىلىق تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش»تىن ئىبارەت ئۈچ تارماق تېمايېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ياڭيۇ تەتقىقاتى ساھەسىدىكى تۈر كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قوللاش خىراجىتى ئەڭ كۆپ بولغان مۇھىم، زور مەخسۇس تۈر ھېسابلىنىدۇ.

«كىچىك ياڭيۇداچوڭ بۆسۈش ھاسىل بولىدۇ.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇنىۋېرسال تەجرىبە مەيدانى تۈرىنىڭ مەسئۇلى ليۇ يى مۇنداق دېدى: بۇ تۈردە ئاساسلىقى ياڭيۇ ئۇرۇقلۇق پىلازمىسىبايلىقىنىساقلاشھەم يېڭىلىق يارىتىپ پايدىلىنىش تەتقىقاتىقانات يايدۇرۇلۇپ، شىنجاڭدا تېرىشقا ماس كېلىدىغان يۇقىرى ھوسۇللۇق، سۈپەتلىك، يۇقىرى چىدامچان، پىششىقلاشقا ماس كېلىدىغان سورتلارتاللىنىپ، زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن ئۇرۇقلۇق ياڭيۇنى كۆپەيتىش ۋە ۋىرۇسنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش سىستېمىسىئەلالاشتۇرۇلۇپ، يېشىل، يۇقىرى ھوسۇللۇق،يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى، ياڭيۇنى ئىنچىكە پىششىقلاش ھەم قوشۇمچە مەھسۇلاتتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ھالقىلىق تېخنىكىسىتەتقىق قىلىنىدۇھەم قوللىنىلىدۇ، شۇنداقلا تېرىقچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىلىدۇ، قوللىنىلىدۇ.

رېن خۇڭسۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ مۇھىم، زور پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرىدىن پايدىلىنىپ، تۈر گۇرۇپپىسى يادرولۇق تېخنىكا تەتقىقاتى، كەسىپ ئاساسىي گەۋدىسىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچەشئارقىلىق، ئۇرۇقچىلىق تېخنىكىسىدىكى قىيىن ئۆتكەلنىبۆسۈپ ئۆتۈپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر تۈركۈم ياڭيۇ يېڭى سورتلىرىنى كۆپەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى كۈچلۈك پەن-تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ. كېيىنكى مەزگىلدە، تۈر گۇرۇپپىسى يەنە بولكا، ۋۇدۇڭميەن قاتارلىق ياڭيۇئاساسلىق يېمەكلىك قىلىنىدىغان ئىنچىكە پىششىقلاش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياڭيۇ كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىكتەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە كىلىماتى ياڭيۇ تېرىشقا ماس كېلىدىكەن، نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تېرىلغۇ كۆلىمى 500 مىڭ مو، ئومۇمىي ھوسۇلى 1مىليون 100 مىڭ توننا، ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 2.3 توننا بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلىنىڭئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى