مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 2023-يىللىق ھۆججەتلىك فىلىم تىزىملىكى ئېلان قىلىندى «بازار» تاللاندى

日期:2023年02月22日
来源:天山网
【字体:

2-ئاينىڭ 17-كۈنى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ 2023-يىللىق ھۆججەتلىك فىلىم تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، 50نادىر ھۆججەتلىك فىلىم بۇ يىل مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئارقا-ئارقىدىن قويۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە "شىنجاڭ تۇرمۇشى توغرىسىدا'' بويىچە ھۆججەتلىك فىلىم __ «بازار» بار.

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خاسئالاھىدىلىككە ئىگە بازارلار بار. ھەربىر جايدىكى بازار شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدىكى «تۈرلۈك-تۈمەنمەنزىرە»لەرگە تولغان. ھەربىر بازار كۈنى نەچچە ئون چاقىرىم دائىرىدىكى ئامما بەس-بەستە بازارغا كېلىدۇ.

بازاردا سىز ئاساسەن «قانداق تۇرمۇش بۇيۇمى لازىم بولسا شۇندىقىنىسېتىۋالالايسىز»، مىللىي ئۆرپ-ئادەت تۈسىدىكى گىلەملەر، ئالتۇندەك يالتىراپ تۇرىدىغان جابدۇقلار، رەڭگارەڭ كىيىم-كېچەكلەر قاتارلىق تۈرلۈك تاۋارلاركۆزنىڭ يېغىنى يەيدۇ. مەززىلىك تائاملارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بار ___ كاۋاپ، پولۇ، سامسا، ھەر خىل نان، شېرىن مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى راسا قوزغايدۇ.

بازارنى باشتىن-ئاخىر ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدىغىنى يەنىلا شۇ ئەنئەنىۋى ھۈنەرۋەن-كاسىپلار، بۇ يەردە سىز ياشانغان ساپالچىلارنى، بولقا ئۇرۇۋاتقانمىسكەرلەرنى، قولدا ئەنئەنىۋى چالغۇئەسۋابلارنىياساۋاتقانئۆسمۈرلەرنى كۆرەلەيسىز...

قوي-كالابازىرى، چالغۇئەسۋاببازىرى، كەتمەن بازىرى... شىنجاڭدىكى بازارلارنىڭ سېھرىي كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلماقچى بولسىڭىز، ۋاقتىدا بازارلارغابېرىپكۆرۈپ بېقىڭ!

2023-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆرسىتىدىغان 50 نادىر ھۆججەتلىك فىلىم تىزىملىكى

(قىسمەن ماتېرىياللارنىڭ مەنبەسى: مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھۆججەتلىك فىلىم قانىلى ھۆكۈمەت ئۈندىدارى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى)