بەخت كەنتىدە 13 خىل شوخلا بار، سىز قانچە خىلىنى كۆرۈپ باققان؟

日期:2023年02月22日
来源:天山网
【字体:

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ چاۋ

فوتېسى، جاشىنا، خېيلوخەن، زىجىڭجۇ، خۇاڭشىڭ... 2-ئاينىڭ 18-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى پالۋانتۇر بازىرى بەخت كەنتىدىكىكۆكتات پارنىكىغا كىرگەندە، سانجاق-سانجاققىزىل، قارا، سۆسۈن، سېرىق رەڭلىك مېۋە شوخلىلىرى شاخلىرىغا لىق تولغانبولۇپ، كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى.

«بۇ شوخلىلارنىڭ بەزىلىرى تاتلىق، بەزىلىرى بىر ئازچۈچۈمەل، بەزىلىرى قۇمسىمان، بەزىلىرى چۈرۈك.»قومۇل دىباۋ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى جاڭ لېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «جەمئىي 13 خىل مېۋە شوخلىسى ئۆستۈردۇق، بۇلتۇر 10-ئايدىن باشلاپ بازارغا سالدۇق، ھازىر، ھەربىر پارنىكتىن كۈنىگە 200 كىلوگىرام ئەتراپىدا مېۋە شوخلىسى چۈشىدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسى زاكاز قىلىنغان، بازارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.»

قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى پالۋانتۇر بازىرى بەخت كەنتىدىكىكۆكتات پارنىكىدا ئۆستۈرۈلگەن 13 خىل مېۋە شوخلىسىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ھەربىر پارنىكتىن كۈنىگە 200 كىلوگىرام شوخلا چۈشىدۇ. بۇ پىشىش ئالدىدا تۇرغان خېيلوخەن شوخلىسى.

جاڭ چاۋ فوتوسى

  پارنىكتىكى ھەر خىل شوخلىلار مول ھوسۇل پەسلىگە كىردى. بۇ شىركەتنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ئۇياق-بۇياققا چېپىپ يۈرۈپ، ئۈزۈش، ئايرىش، يەشىكلەرگە قاچىلاش، ئوراش-قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىدىكى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئاپتوموبىل ھەيدەپ بۇ يەرگە كېلىپ شوخلا ئۈزدى. شەھەر ئاھالىسى چى بەيچېن مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن سورتنى كۆرۈپمۇ باقماپتىكەنمەن، خۇددى شوخلا پادىشاھلىقىغا كىرىپ قالغاندەك ھېسسىياتتا بولدۇم، بەك قىزىقارلىق بولىدىكەن، بىكارغا كەلمەپتىمەن».

«بۇ سورتلارنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت كۆكتات تەتقىقات مەركىزىدىن كىرگۈزگەن. ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىشتېخنىكىسى جەھەتتە، شىخەنزە داشۆسى يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدۇق. ئاساسلىقى قۇمدا ئۆستۈرۈش ۋە تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، تۈپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېسىپئۆستۈردۇق، بۇنداق بولغاندا ھەم ھوسۇلنى، سۈپەتنى ئۆستۈرگىلى ھەم پەرۋىش قىلىش،ئۈزۈشكە قولايلىق ياراتقىلى بولىدۇ.» قومۇلدىباۋ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تۈرىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ خۇڭبو مۇنداق دېدى: «شىركىتىمىز كۈن نۇرى پارنىكىدا مېۋە-كۆكتات ئۆستۈرۈش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.»

«يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى باشلامچى كارخانىلارغا تايىنىپ، بىز بەخت كەنتىنى تىرىشىپ قومۇل شەھىرىنىڭ ئارقا گۈللۈكىگە، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئارام ئالىدىغان جايىغا ئايلاندۇرىمىز.»بەخت كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ جىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل، بەخت كەنتى كۈن نۇرى پارنىكىمېۋە-كۆكتات تېرىقچىلىقىنى تايانچ قىلىپ، قومۇل دىباۋ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، گۈلخان كاۋىپى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەتقىقات-ئۆگىنىش، ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى، ئوماق ئەرمەك ھايۋانلارباغچىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ،كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىكەن.

قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى پالۋانتۇر بازىرى بەخت كەنتىدىكى كۆكتات پارنىكىدا ئۆستۈرۈلگەن 13 خىل مېۋە شوخلىسىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ھەربىر پارنىكتىن كۈنىگە 200 كىلوگىرام شوخلا چۈشىدۇ. كەنت ئاھالىلىرى شوخلىنى ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن ئايرىپ قاچىلىماقتا.

جاڭ چاۋ فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى