شىنجاڭدا بۇ تەكلىپ قىلىش يىغىنى كەنتلەرگىچە ئېچىلدى: ئىش ئورنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈلدى، ئىختىساسلىقلار كارخانىلارنىڭ يېنىغىچە يەتكۈزۈلدى

日期:2023年02月21日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لىن

2-ئاينىڭ 11-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ 2023-يىللىق «باھار شامىلى بالدۇر ئىللىقلىق يەتكۈزدى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكەتتە» ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى سەييارە تەكلىپ قىلىش يىغىنى كۇچا شەھىرى ئالاقاغا بازىرىغا يېتىپ كەلدى. ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، نەق مەيداندا تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى ۋە تارماق يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىنىپ، تەكلىپ قىلىش يىغىنى كەنتلەرگىچە ئېچىلدى.

2-ئاينىڭ 11-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ 2023-يىللىق «باھار شامىلىبالدۇر ئىللىقلىق يەتكۈزدى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكەتتە» ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى سەييارە تەكلىپ قىلىش يىغىنى كۇچا شەھىرى ئالاقاغا بازىرىغا يېتىپ كەلدى، سۈرەتتە تەكلىپ قىلىش يىغىنىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لىن فوتوسى

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە، تەكلىپ قىلىش يىغىنى باشلاندى. ئاساسىي يىغىن مەيدانى ئالاقاغا بازىرىدىكى ئۈستى ئوچۇق مەيدانغا تەسىس قىلىندى، ھەر قايسى تەكلىپ قىلىغۇچى ئورۇنلارنىڭئالدىدا ئادەملەر كۆپ بولۇپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەركارخانىنىڭ خادىم تەكلىپ قىلغۇچىلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ھەمتۈرتكە بولۇپ، كارخانىنىڭ خىزمەتچى ئىشلىتىش، مائاش، تەمىنات قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان خىزمەت ئورنى ئىزدىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقاغا بازىرىنىڭ بۇسۇت كەنتى ۋە ئىنچىكە ئېرىق كەنتى شۆبە يىغىن مەيدانى سۈپىتىدە كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىدا كەنت دەرىجىلىك تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. تەكلىپ قىلىش يايما ئورنى، لوزۇنكا، كۆرگەزمە تاختىسى، مۇلازىمەت سۇپىسى... قۇشقاچ كىچىك بولسىمۇ ھەممە ئەزاسى تولۇق دېگەندەك، خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىنى تەشكىل قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىمۇ كەم بولمىدى.

بۇسۇت كەنتى شۆبە يىغىن مەيدانىدا، 14 كارخانا 120دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، تەكلىپ قىلىدىغان ئىش ئورنى ئائىلە مۇلازىمىتى، مېھمانساراي، يېمەك-ئىچمەك، تېز يەتكۈزۈش، ئۆي-زېمىن سېتىش، بىناكارلىق، قاتناش-تىرانسپورت، سېتىش قاتارلىقلارغا چېتىلدى. «خىزمەتچى تەكلىپ قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ ھەممىسى ئاقسۇدىن كەلگەن بولۇپ، كەنتتىكى بىر ھەمكارلىق كوپىراتىپى، بىر يېمەك-ئىچمەك دۇكىنى، بىر باقمىچىلىق بازىسىمۇ بۇ قېتىمقى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىشقا قاتناشتى». ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ بۇسۇت كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىئەترەت ئەزالىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش ئىش ئورنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خىزمەت ئىزدەش ئارزۇسى بىلەن ماسلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئاندىن تەمىنلەنگەن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقى بىر قەدەر يۇقىرى، 500 نەچچە ئادەم قېتىم تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان. «ئىلگىرى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا بېرىپ خىزمەت ئىزدىگەندە، ماشىنىغا ئولتۇرۇپ بازارغا باراتتىم، ھازىر كەنتتىن چىقمايلا خىزمەت تاپالايدىغان بولدۇم، بەلەن بولدى!» دېدى كەنت ئاھالىسى قۇربانجان روزى باش بارمىقىنى چىقىرىپ.

2-ئاينىڭ 11-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ 2023-يىللىق «باھار شامىلىبالدۇر ئىللىقلىق يەتكۈزدى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكەتتە» ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى سەييارە تەكلىپ قىلىش يىغىنى بۇسۇت كەنتىگە كەلدى، سۈرەتتە تەكلىپ قىلىش يىغىن نەق مەيدانى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لىن فوتوسى

ئىنچىكە ئېرىق كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىدا، كەنت ئاھالىلىرى بىر يەرگە يىغىلىپ قايسى كارخانىنىڭ ياخشى، قايسى كارخانىنىڭ مائاش تەمىناتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بەس-بەستەمۇزاكىرە قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شوپۇر تەكلىپ قىلىدىغان ئايلىق مائاشى «8000 + پىرسەنت ئايرىش» ئىش ئورنى كۆپچىلىكنى جەلپ قىلدى. «لېكىنA2 پىراۋىسى بولۇشى كېرەك ئىكەن.» كۆپچىلىكبۇنداق ياخشى خىزمەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىگە ئەپسۇسلىنىۋاتقاندا، كەنت ئاھالىسى غاپپار ئەيسا مۇنداق دېدى: «مەن پات ئارىدا A2 پىراۋا ئالىمەن!» ئۇنىڭ گېپى نەق مەيداندىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىدى.

«كۆپچىلىك يەنىلا كۆپرەك ماھارەت ئۆگىنىشى كېرەك، ماھارەت تەربىيەسىگە قاتناشسا تەربىيەلەش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىپلا قالماي، مۇناسىۋەتلىك كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، يەنە ئۆزىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرالايدۇ،مائاش كىرىمىمۇ زور دەرىجىدە ئاشىدۇ». ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىنچىكە ئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىشكە كۆپرەك قاتنىشىشقا، ئىگىلىگەن ماھارەتنىڭ پايدىسىنى كۆرۈشكەئىلھاملاندۇردى.

2-ئاينىڭ 11-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ 2023-يىللىق «باھار شامىلى بالدۇر ئىللىقلىق يەتكۈزدى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكەتتە» ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى سەييارە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئالاقاغا بازىرى ئىنچىكە ئېرىق كەنتى كەلدى، سۈرەتتە تەكلىپ قىلىش يىغىن نەق مەيدانى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لىن فوتوسى

«شىركىتىمىز بۇ يىل كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنى يولغا قويدى، ئىشچىغاجىددىي ئېھتىياجلىق.» شىنجاڭ خۇيچياڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى مەمۇرىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رېن جيې مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۈچۈن، شىركىتىمىز ئىش ئورنىنى ئالدىن ئىستاتىستىكا قىلىپ، شۇ جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تولۇق ئىشلىدى، تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا مول ھوسۇل ئېلىنىپ، 40 نەچچە ئادەم قوبۇل قىلدى.

«باھار بايرىمىدىن كېيىن، كۇچا شەھىرىنىڭ ئەمگەك كۈچى بازىرى تېز ئەسلىگە كەلدى، بولۇپمۇ توقۇمىچىلىق، بىناكارلىق، نېفىت خىمىيە سانائىتى، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەردە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج تەڭ جانلاندى». كۇچا شەھەرلىك ئىختىساسلىقلار بازىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا كۇچا شەھىرىدىكى 51 كارخانا تام قوپۇرۇش ئىشچىسى، يىپ ئىگىرىش ئىشچىسى، ئېلېكتىر سايمانلىرى ئىشچىسى، تىرانسپورت شوپۇرى، ئالىي باشقۇرغۇچى قاتارلىق 173 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. ئىشچى ئىشلىتىش قىزغىنلىقى ئىقتىسادىي تېمپېراتۇرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، بازار ئۇچۇرىنى تارقىتىپ، كىشىلەرگە ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىۋاتقانلىقىدەك ئىللىقلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

«بىزنىڭ مەقسىتىمىز ئىش ئورنىنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى كارخانىلارنىڭ يېنىغىچە يەتكۈزۈش». كۇچا شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئابدۇۋەلى سامساقنىڭتونۇشتۇرۇشىچە، 2023-يىللىق «باھار شامىلى بالدۇر ئىللىقلىق يەتكۈزدى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكەتتە» ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش ئېيى باشلانغاندىن بۇيان، كۇچا شەھىرى كەسىپ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى ۋە كىشىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىش ۋاقتىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىدە «ئاساسىي يىغىن مەيدانى + شۆبە يىغىن مەيدانى» شەكلىدە تەكلىپ قىلىش يىغىنىنى چەت-ياقا كەنتلەرگىچە كېڭەيتكەن، 20 مەيدان قېتىمدىن تۆۋەن بولمىغان تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن شەھەردىكى بارلىق يېزا-بازار، كوچا باشقارمىلىرىنى قاپلاپ، يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلىگۈچىلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، مېيىپلەر، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق نۇقتىلىق ئاممىنى ئىشىكى ئالدىدىلا ئوڭۇشلۇق خىزمەت تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى پىلانلىغان.

نۆۋەتتە، كۇچا شەھىرى 14 مەيدان قېتىم تۈرلۈك تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 458 كارخانىنى 9000دىن ئارتۇق ئادەمئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان1600دىن ئارتۇق ئىش ئورنىبىلەن تەمىنلەشكە تەشكىللىدى، 3000دىن ئارتۇق ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى