باي: «قوي كەسپى» يېزا-كەنتلەردە يېڭى «چوپان ناخشىسى» ياڭراتتى

日期:2023年02月17日
来源:天山网
【字体:

2-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى قاراباغ يېزىسىنىڭ ئاقبۇلۇڭ كەنتىدىكى باقمىچىلىق بازىسىغا كىرگەندە، قاتار-قاتار ئۆلچەملەشكەن ئىسسىق قوتانلار كۆزگە چېلىقاتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باي ناھىيەسى قاراباغ يېزىسىنىڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېزا باشقۇرۇشىدىكى 13 چارۋىچىلىق مەيدانىنى ئاساس قىلىپ، ئۆلچەملەشكەن ئىسسىق قوتان ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىش ئارقىلىق، ئىنچىكە يۇڭلۇق قوينى ئۆلچەملەشتۈرۈپ بېقىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىنى ئاچتى.(ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ خۇڭۋېن، ۋۇ يامېي، گاۋ يۈ)

باقمىچىلار ئىنچىكە يۇڭلۇق قويلارغا يەم-خەشەك بېرىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا. نۆۋەتتە، باي ناھىيەسىدە ئىنچىكە يۇڭلۇق قوينى مەركەزلىك بېقىش رايونىدىن 14ى بار بولۇپ، بېقىلىۋاتقان ئەلا سۈپەتلىك ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي 560 مىڭ تۇياققا يېتىدۇ، يىلىغا 3000 توننىدىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك ئىنچىكە قوي يۇڭى، 11 مىڭ توننا گۆش ئىشلەپچىقىرىپ، 1500دىن ئارتۇق چارۋىچىنىڭ باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تەسىر كۆسەتتى، تۈرتكە بولدى.

  قوتاندىكى ئىنچىكە يۇڭلۇق قويلارنىڭ ھەممىسى سېمىز، تىمەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى