ساۋمېي ئۈزۈشنىڭ ياخشى ۋاقتى، دەل پەيتى

日期:2023年02月10日
来源:天山网
【字体:

باش باھار مەزگىلىدە، ھاۋا بەزىدە ئىللىق، بەزىدە سوغۇق بولىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرى مېۋە-چېۋە باغچىسىدىكى ساۋمېيلار ئۈزۈش پەسلىنى كۈتۈۋالدى، نۇرغۇن ساياھەتچى پارنىكقا كىرىپ ساۋمېي ئۈزۈش خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى. 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، مېۋە-چېۋە باغچىسى پارنىكىدىكى ئىللىق، نەم ھاۋادىن ئۆتكۈر ساۋمېي پۇرىقى پۇراپ تۇراتتى، قىپقىزىل ساۋمېيلار پېلەكلەرنى زىننەتلەپ تۇرغان بولۇپ، بۇ يەردىكى ساۋمېيلار مېۋە بېرىش مەزگىلىگە كىرگەنىدى. ساۋمېي ئۈزگىلى كەلگەن ساياھەتچىلەر توپ-توپ بولۇپ، سېۋەتلەرنى كۆتۈرۈپ ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.

كوناشەھەر ناھىيەسى ئوغۇساق بازىرى مېۋە-چېۋە باغچىسى ساۋمېي ئۈزۈش باغچىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ شاۋيۈ ساياھەتچىلەرنىڭ سۈپەتلىك ساۋمېي ئۈزۈشىگە ياردەملەشمەكتە. بۇ ئۈزۈش باغچىسىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 40 نەچچە مو بولۇپ، ئۆستۈرۈلگەن ساۋمېينىڭ تۈرى كۆپ، تەمى ياخشى.

ئەمدىلا ئۈزۈلگەن يېڭى ساۋمېيلار كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدۇ.

(ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ تاۋ)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى