سۈرەت كەبى گۈزەل يېزا - كەنت

日期:2023年02月05日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيا چىڭ

دەل - دەرەخلەر ياپيېشىل، گۈللەر خۇش پۇراق،

يېزا - قىشلاق گۈللەندى ئۆزگىچە ھۆسنى.

سۈرەت كەبى گۈزەلدۇر يېزا - كەنتلەر،

ياڭرىماقتا ھەر ياندا بەخت ناخشىسى.

ئېقىن سۇلار شىلدىرلايدۇ كەنتنى بويلاپ،

ئاھالىلەر كۆچۈپ كىردى ئەمىن ئۆيلەرگە.

زور ئۆزگىرىش ياسىدى يېزا - كەنتلەر،

كىرىم ئېشىپ ئائىلىلەر تولدى كۈلكىگە.

بارمايمىز ئېتىزغا ئۇرۇق سېلىپ مايسا تېرىشقا،

شال، بۇغداينى ئورۇشقا ئىشلەتمەيمىز ئەمدى ئورغاقنى.

تۆمۈر كالا بەكلا سەرخىل ئىقتىدار تولۇق،

ماشىنىلىشىش كۈچەيتتى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى.

دوۋ لىنشياۋ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4 - شى 70 - تۇەن بەشدۆڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خىزمەتچىسى، دېھقانلار رەسىمى ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ قولىدىكى رەسىم قەلىمى ئارقىلىق يېڭى يېزىلاردىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى تەسۋىرلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ خەلقنى بېيىتىش سىياسەتلىرى ئېلىپ كەلگەن يېڭى تۇرمۇشنى ھېس قىلدۇردى.