كەنت ئاھالىلىرى ئۆزى يېتىشتۈرگەن قېرىنسىمان موگۇ ئۇرۇقىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 300 كىلوگىرامدىن ئاشتى

日期:2023年02月05日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

2022 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، ئارشاڭ ناھىيەسى تاشيۇ يېزىسى زاكىن بۇلاق كەنتىدىكى دېھقان ما ۋەنباۋنىڭ ئۆيىدە، بىر تۇراقلىق تېمپېراتۇرىلىق تەۋرەتكۈچ بوتۇلكىدىكى قېرىنسىمان موگۇ ئۇرۇقىنى توختىماي تەۋرىتىۋاتاتتى.

«بۇ كىچىك بوتۇلكىدىكى قېرىنسىمان موگۇ سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئۇرۇقىنى كۆپەيتكەندىن كېيىن 100 مو يەرگە تېرىغىلى بولىدۇ. قىشتا ئۇرۇقنى ياخشى تەييارلاپ، كېلەر يىلى تېرىغۇچىلارنىڭ مو بېشى ھوسۇل مىقدارىنى داۋاملىق ئاشۇرىمەن» دېدى ما ۋەنباۋ.

ما ۋەنباۋ 2022 ـ يىلى 59 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 2016 ـ يىلىدىن باشلاپ ئورمانلىقتا قېرىنسىمان موگۇ يېتىشتۈرۈشنى سىناق قىلىپ، نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە مەغلۇبىيەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، 2022 ـ يىلى قېرىنسىمان موگۇنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنى 300 كىلوگىرامدىن ئاشۇرۇش نىشانىنى ئاخىر ئىشقا ئاشۇردى.

«تاشيۇ يېزىسىدا 3000 مودىن ئارتۇق دەريا ۋادىسى ئورمىنى بار، تۇپرىقى مۇنبەت، تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولۇپ، ئورمانلىقتا ھەر خىل زەمبۇرۇغ تۈرىدىكىلەرنى يېتىشتۈرۈشكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، بىز بۇنداق ياخشى بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك» دېدى ما ۋەنباۋ.

2016 ـ يىلى، ما ۋەنباۋ 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئون مو يەرگە قېرىنسىمان موگۇنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىپ، 2 ـ يىلى ھەر مو يەردىن 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدى. بۇ، باشقا تېرىغۇچىلارنى خۇشال قىلدى، ئۇلارمۇ بەس ـ بەستە ئەگىشىپ تېرىدى. ما ۋەنباۋ ئارشاڭ ناھىيەسى ۋەنباۋ يۇڭشېڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، 47 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى باشلاپ بىللە ئىشلىدى. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن ئۇدا ئىككى يىل ما ۋەنباۋ بىلەن تېرىغۇچىلار مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.

«بىز ئانالىز قىلىش ئارقىلىق زەمبۇرۇغ ئۇرۇقىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىدۇق، مۇشۇ جايدا تېرىشقا ماس كېلىدىغان زەمبۇرۇغ ئۇرۇقىنى يېتىشتۈرۈشىمىز زۆرۈر ئىكەن» دېدى ما ۋەنباۋ.

2019 ـ يىلى، ئارشاڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ قوللىشىدا، ما ۋەنباۋ ئۈرۈمچىگە بېرىپ زەمبۇرۇغ ئۇرۇقى يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى ۋە زەمبۇرۇغ تۈرلىرىنى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. «ئۇ چاغدا مەن يەرلىك ياۋا قېرىنسىمان موگۇدىن زەمبۇرۇغ ئۇرۇقى يېتىشتۈرۈشكە باشلىغانىدىم، سىرتقا چىقىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق زەمبۇرۇغ ئۇرۇقى يېتىشتۈرۈشكە قارىتا تېخىمۇ ئەتراپلىق تونۇشقا ئىگە بولدۇم» دېدى ما ۋەنباۋ. شۇ يىلى 10 ـ ئايدا، ما ۋەنباۋ يېتىشتۈرگەن قېرىنسىمان موگۇ ئۇرۇقىنى دېھقانلارنىڭ تېرىشىغا ھەقسىز بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىدى.

2022 ـ يىلى، ما ۋەنباۋنىڭ تۈرتكىسىدە، زاكىن بۇلاق كەنتىدىكى ئورمانلىقتا قېرىنسىمان موگۇ تېرىش كۆلىمى ئون نەچچە مودىن 200 نەچچە موغا كېڭەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە ما ۋەنباۋ يېتىشتۈرگەن زەمبۇرۇغ ئۇرۇقى تېرىلغان يەرنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 200 كىلوگىرامغا يېقىن ئېشىپ، مو بېشى كىرىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 70 ـ 60 مىڭ يۈەن كۆپەيدى.

2021 ـ يىلىدىن باشلاپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە جىنجىنگۇ، يۈگۇ، قارا مور قاتارلىق كۆپ خىل يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنى تېرىدى.

«قېرىنسىمان موگۇ يېتىشتۈرۈشتە بىز دەسلەپكى قەدەمدە مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق، ئەمدى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىمىز.» ما ۋەنباۋ مۇنداق دېدى: «بۇ يىللاردا مېنىڭ داۋاملاشتۇرالىشىم ئارشاڭ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ».

2022 ـ يىلى، ئارشاڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا 200 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى نورمال بېسىملىق باكتېرىيە يوقىتىش ئىشكاپى ئەكېلىپ بەردى. بۇ يىللاردا، ناھىيە يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا زەمبۇرۇغ ئۇرۇقى يېتىشتۈرۈش ساندۇقى، ئوزۇن ئىشلەپچىقارغۇچ، تەجرىبە سۇپىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئەكېلىپ بەردى، ما ۋەنباۋ يېتىشتۈرگەن زەمبۇرۇغ ئۇرۇقىنىڭ سۈپىتى بارغانسېرى ئۆستى.

«بۇ نەيچىدىكى زەمبۇرۇغ ئۇرۇقىغا قاراڭ، ئاپئاق، ئازراقمۇ ئارىلاشما ماددا يوق، كېلەر يىلى ئېتىزغا تېرىساق، ھوسۇلى چوقۇم يۇقىرى بولىدۇ» دېدى ما ۋەنباۋ ئىشەنچ بىلەن.