يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خەلقنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇردى

日期:2023年01月26日
来源:天山网
【字体:

جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئۇلان دانداغاي كەنتى

يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خەلقنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

«1 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن قايتا قۇرۇلغان كەنتتىكى ئامما بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدىكى ئاخبارات كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ، يۇرتداشلار چوڭقۇر تەسىرلەندى. كەنتىمىزمۇ يەر تەۋرەشتىن كېيىن قايتا قۇرۇلغان كەنت، بۈگۈنكى كۈندە كۆپچىلىك ئوخشاشلا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ» دېدى 1 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى ئۇلان دانداغاي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئايۇش.

ئۇلان دانداغاي كەنتىگە كىرگەندە، كەنتكە تۇتىشىدىغان تاشيول كەڭ ھەم تۈپتۈز بولۇپ، يول بويىغا تىكىلگەن كۆكەرتىش دەرەخلىرى ئىككى ئادەم بويى ئېگىزلىكتە ئۆسكەنىدى، بىرتۇتاش پىلانلاپ سېلىنغان ئاھالىلەر تۇرالغۇسى ۋە ھويلا ـ ئارانلار پاكىز ھەم رەتلىك ئىدى.

«يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشتا قاتناش، سۇ، توك، خەۋەرلىشىش، توك پار، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھەلەر بىراقلا ئەمەلىيلەشتى، ھەممە ئائىلە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئىشلىتەلەيدىغان، قىشتا تاماق ئېتىشتە، ئىسسىنىشتا كۆمۈر قالىمايدىغان بولدى. بۇ خىل شارائىت شەھەردىكىدىن قېلىشمايدۇ» دېدى ئايۇش. بۇ بىرقانچە يىلدا، يۇرتداشلار كېۋەز تېرىش ۋە ھويلا ـ ئاران باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى شەھەردىن ئۆي سېتىۋالدى.

ئۇلان دانداغاي كەنتىدە 200دىن ئارتۇق ئائىلىلىك 600دىن ئارتۇق ئادەم بار. 2017 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، جىڭ ناھىيەسى تەۋەسىدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى، ئۇلان دانداغاي كەنتى جىڭ ناھىيەسىدىكى ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان كەنت ئىدى. ئاپەت يۈز بېرىپ 6 ـ كۈنى، ئۇلان دانداغاي كەنتىدىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى؛ 80 ـ كۈنى، بارلىق كەنت ئاھالىلىرى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى؛ ئارقىدىن، كەنتتە 1900 كىۋادرات مېتىرلىق مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلدى، يول چىرىغى ئورنىتىلدى، مەنزىرە دەرەخلىرى تىكىلدى، يېڭىدىن 28 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق باقمىچىلىق قوتىنى سېلىندى...

با. سويولبات كەنتتە تۇنجى بولۇپ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئالغان كەنت ئاھالىسى. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت بىزگە ھەقسىز يېڭى ئۆي سېلىپ بەردى، ئۆي شەكلى، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى كۆپچىلىك بېلەت تاشلاپ تاللىدى. ئۆيگە فارفۇر خىش چاپلاندى، يەرگە چىنە خىش ياتقۇزۇلدى، سۇ تۇرۇبىسى، يۇندى تۇرۇبىسى، كەڭ بەلباغ، توك پار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئورنىتىلدى. ئاچقۇچنى ئالغان كۈنىلا، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق».

پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا تېز ئىلگىرىلەش قىزغىنلىقى ۋە غەيرىتىنى ئۇرغۇتتى. كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنتتە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، تېرىلغۇ يەرلەر مەركەزلىك ئوبوروت قىلىندى، ھويلا ـ ئاران ئىگىلىكى راۋاجلاندۇرۇلدى، دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىلدى... 2022 ـ يىلى، كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمى 2 مىليون 450 مىڭ يۈەنگە يەتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 23 مىڭ 600 يۈەنگە يەتتى.

ئايۇش مۇنداق دېدى: بۇ يىل، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرىدۇ.