تۇتاش كەتكەن كۆكتات پارنىكلىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىشەنچىنى چىڭىتتى

日期:2023年01月26日
来源:天山网
【字体:

يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ لومپا يېزىسى

تۇتاش كەتكەن كۆكتات پارنىكلىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىشەنچىنى چىڭىتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«كۆكتات بازىمىزدا ھازىر يەتتە خىل كۆكتات ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ، ھەر ھەپتىدە بەش توننا كۆكتات سېتىپ، 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىۋاتىمىز» دېدى يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ لومپا يېزىسىدىكى جېنپىن يېمەكلىك زەمبۇرۇغى تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى كۆكتات پارنىكى تېرىقچىلىق بازىسىنىڭ مەسئۇلى قۇربان چاۋار 1 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى.

«پارنىكتىكى كۆكتاتلارنى بۇلتۇر 9 ـ ئايدىن باشلاپ بازارغا سالغانىدۇق، بۇ يىل 4 ـ ئايغىچە ساتالايمىز.» كۆكتات ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان ئابدۇراخمان قادىر مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىمغا ئىككى يىل بولدى، ھەر ئايدا مائاشىم بار، يەنە تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم».

ھازىر 200 كۆكتات پارنىكى تۇتاش كەتكەن بولۇپ، پارنىكتىكى چىڭسەي، شوخلا قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلاتتى، كۆپچىلىك ئۈزۈش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

«دەسلەپتە، پارنىكنىڭ ئىچىگە كۈن نۇرى ياخشى چۈشمىگەچكە، تېمپېراتۇرا ئۆرلىمىدى، كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈشى ياخشى بولمىدى.» قۇربان ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇ چاغدا پارنىك سېلىنغان بولسىمۇ، كەنت ئاھالىلىرى كۆكتات تېرىشنى خالىمىغانىدى».

كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ يېقىن ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىن ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئەۋرىشىم قۇرۇلمىلىق پارنىك، پارنىك يېپىنچىسىنى توكلۇق يىغىش ماشىنىسى، پارنىكتا ئايلانما ئاغدۇرۇش ماشىنىسى قاتارلىقلار شۇ جايدا يىلتىز تارتتى. «نېمە ياخشى بولسا شۇنى ئۆگەندۇق، پارنىكىمىزدا پەن ـ تېخنىكا تۇيغۇسى تولۇق، كۆكتات ھوسۇلى ئۈچتىن بىر قىسىم ئاشتى، تەننەرخ خېلىلا تۆۋەنلىدى» دېدى قۇربان.

زاكاز تالونىغا تايىنىپ تېرىقچىلىق قىلىش بىلەن ئۈنۈم يىلمۇيىل ئاشتى، بۇلتۇر مەھسۇلات قىممىتى بىر مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئەتراپتىكى يېزا ـ بازارلاردىكى 40تىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇندى.

كەسىپنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىدا ئاچقۇچ بازار ئېچىشتا. شەھەر ـ يېزىلاردا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا كىرىش... يېڭىسار ناھىيەسى كۆكتات سېتىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

كەلگۈسىدە قانداق تەرەققىي قىلىمىز؟ كوپىراتىپ «يول خەرىتىسى»نى تۈزدى، كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش يولىدا مېڭىش كېرەك. «ئۆلچەملەشكەن باغچە رايونى قۇرۇش، كۆكتات پىششىقلاش كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈش، سەيلە ـ ساياھەتنى راۋاجلاندۇرۇش كوپىراتىپ ئەزالىرىنىڭ يانچۇقىنى بارغانسېرى تومپايتىپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى» دېدى قۇربان كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ.

ھازىر يېڭىسار ناھىيەسىدە 1400دىن ئارتۇق ئۆلچەملىك پارنىك سېلىندى، پارنىكتا تېرىلغان كۆكتات كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يېڭىسار ناھىيەسى ئەسلىھەلىك كۆكتات كەسپى توپلاشقان رايونغا ئايلاندى.