10 مىڭ مولۇق ئۆرۈكلۈك باغ نەخۇل كەنتىگە نېمە ئېلىپ كەلدى؟

日期:2023年01月05日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىجاڭ رۇيلىن

بۇ بىر نەچچە كۈندە، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ شا بازىرى نەخۇل كەنتىدىكى ئۆرۈكلۈك باغدا باغۋەنلەر مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش قاتارلىق ئېتىز پەرۋىشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كېلەر يىلى مېۋىلىك دەرەخلەردىن مول ھوسۇل ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

«قىش پەسىللىك چاتاشتا، مېۋىلىك باغلاردا قىشتىن ئۆتكەندىن كېيىن قېپقالىدىغان كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ مەنبەسىنى تۈگىتىپ، مېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ» دېدى 12-ئاينىڭ 26-كۈنىكۆپ يىل ئۆرۈك دەرىخىئۆستۈرگەن ئەخمەت تۆمۈر.

ئۆرۈك دەرىخىنى پەرۋىش قىلىش نەخۇل كەنتىنىڭ چوڭ ئىشى، كەنت ئاھالە كومىتېتى ھەر يىلى مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، ئېتىز بېشىدا نەق مەيداندا ئۆگىتىش، نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆستۈرۈش ئائىلىلىرىگە مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى، ئوغۇتلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار، قىش پەسلىدە كېسەللىك-ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشقاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى چۈشەندۈردى.

توقسۇن ناھىيەسى شا بازىرى نەخۇل كەنتىدىكى ئۆرۈكلۈك باغدا ئۆرۈكلەر چېچەكلىدى (ماتېرىيال سۈرەت).

لى جىڭخەي فوتوسى

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە كەسىپكە تايىنىش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا خاسلىققا ئىگە بولۇش كېرەك. ئۆرۈكدەل نەخۇل كەنتىنىڭ خاسلىقى، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، تارقاق ئۆستۈرۈشتىن ھازىرقى 10 مىڭ مولۇق ئۆرۈكلۈك باغقىچە، ئەڭ دەسلەپتە پەقەت ئائىلە تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈنلا تىكىلگەن ئۆرۈك دەرخلىرىنەخۇل كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىگە تېخىمۇكۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى.

جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىك بولغاچ، توقسۇندىكى ئۆرۈك دەرەخلىرى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ بالدۇر چېچەكلەيدۇ، ئۆرۈكمۇ ئەڭ بالدۇر پىشىدۇ. نەخۇل كەنتى بۇ ئەۋزەللىكنى چىڭ تۇتۇپ، «كەسىپ + ساياھەت» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلىش، ئۆرۈك ئۈزۈش، سېتىش قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىستىراھەت، سەيلە-ساياھەت، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ھېس قىلىش بىر گەۋدە قىلىنغان يېزا-كەنت ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى بەرپا قىلدى.

«كەنتىمىز <چوڭ مەنزىرە رايونى>غا ئايلاندى، ھەر يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىزنى ئىشىكىمىز ئالدىدىلا پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.» كەنت ئاھالىسى ئەخمەت سىيىت خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

بۇ بىرقانچە يىلدا، نەخۇل كەنتى 10 مىڭ مولۇق ئۆرۈكلۈك باغقا تايىنىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. كەنتنىڭ ئاسفالت يول تورى بارغانسېرى زىچلاشتى، پىيادە مېڭىش يولى، مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى ساياھەتچىلەرنىڭ ئۆرۈك چېچىكىنى تاماشا قىلىش خۇشاللىقىنى ئاشۇردى، كەنت ئاھالىلىرى ئۆز ئۆيىدە تاللا بازىرى، دېھقانلارئارامگاھى، ئائىلىۋى مېھمانخانا قاتارلىقلارنى ئاچتى، كەنت يەنە بىرتۇتاش سودا كوچىسى بەرپا قىلدى، يېڭىدىن داچا رايونى قۇردى.

«كونا ئۆيۈم ۋە دۇكىنىمنىڭ ھەممىسىنى چېقىپ، قەرز پۇلغا يېڭى ئۆي سېلىپ، دۇكاننىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتتىم، سودام تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كەتتى. ئارتۇق ئۆيلەرنى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى ۋە ئۆرۈك سېتىش پەسلىدە ئىجارىگە بەرگىلى بولىدۇ، ھەر يىلى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى بولىدىغان نەچچە كۈندىلا ئاز دېگەندىمۇ نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن» دېدى ئەخمەت سىيىت.

توقسۇن ناھىيەسى شا بازىرى نەخۇل كەنتىدە ئۆرۈك پىشتى (ماتېرىيال سۈرەت).

لى جىڭخەي فوتوسى

يېقىندا، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى 12-تۈركۈمدىكى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان كەنت-بازارلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، توقسۇن ناھىيەسى شا بازىرى نەخۇل كەنتى بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى. كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆرۈكنىڭپايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، ئۆرۈككە ئۈزلۈكسىز كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك ئىدى. توقسۇن ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ شا بازىرى نەخۇل كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى مۇزەپپەر نىياز تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى يىلدا، نەخۇل كەنتى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، شەھەرلەردىن بىر قىسىم يېڭى سورتلارنى كىرگۈزۈپ، شۇ جايدىكى تۆكمە مېۋىلەش مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەن قېرى ئۆرۈك دەرەخلىرىگە ئۇلاشقا ئىشلەتتۇق، نۆۋەتتە 250 مو يەردىكى ئۆرۈك دەرىخىنىڭ سورتى ياخشىلاندى، بۇ يىل يەنە 50 مو يەردىكى ئۆرۈك دەرىخىنىڭ سورتىنىياخشىلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.

«كىرگۈزۈلگەنلىرىنىڭ ھەممىسى بازاردا ئىستېمالچىلارنىڭ ئىنتايىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن سورتلار، سۈپىتى ياخشى، باھاسى يۇقىرى، بۇ بىرنەچچە سورتنىڭ چېچەكلەش مەزگىلىمۇ بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ» دېدى مۇزەپپەر: «بىز كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆيىدىكى تۆكمە مېۋىلەش مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەن ئۆرۈك دەرەخلىرىنىڭ سورتىنى ياخشىلاشقا داۋاملىق يېتەكلەيمىزھەمدە كەنتنىڭ ساياھەت مۇلازىمىتى سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، نەخۇل كەنتىنى تۇرمۇشىباياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل ئۆرۈك چېچىكى كەنتىگە ئايلاندۇرىمىز».