ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ياڭاق مېغىزى تۇنجى قېتىم ئىراققا ئېكسپورت قىلىندى

日期:2022年12月12日
来源:天山网
【字体:

12- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ 24 توننا يەرلىك ياڭاق مېغىزى ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق ئاقسۇ تاموژنىسىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ئارقىلىق، ئىراققا ئېكسپورت قىلىندى، بۇ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ياڭاق مېغىزىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىراققا ئېكسپورت قىلىنىشى.

ئاقسۇ شەھىرى ئادا ئىمپورت- ئېكسپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دىرېكتورى مۇكەررەم ھۈسەن مۇنداق دېدى: «بۇ تۈركۈمدىكى ياڭاق مېغىزىنىڭ ئوڭۇشلۇق توشۇلۇشى تاموژنىنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلار ئۈچۈن ئاچقان < يېشىل يول>ىدىن بولدى، بىزنى <بىر بېكەت شەكلى>دە بېجىرىش ۋە ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىمىزنى تېجەپ بەردى.»

ئاقسۇ ۋىلايىتى سۇ، تۇپراق، كۈن نۇرى، ئىسسىقلىق بايلىقى جەھەتتە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئەڭ چوڭ ئۆزگىچە باغ- ئورمانچىلىق بازىسى ۋە قەغەز ياڭاق قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك خاس مېۋە مەھسۇلاتلىرى كۆپ چىقىدىغان رايون بولۇپ، «جۇڭگو ياڭاق ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ زور تۈركۈمدىكى ياڭىقى ۋە ياڭاق مېغىزى چەت ئەللەرگە سېتىلدى، ئاقسۇ تاموژنىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، رەھبەرلەر ئاساسلىق تۇتۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كارخانىلار بىلەن «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ئالاقىلىشىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا، ئاقسۇ تاموژنىسى تەۋەلىكىدىكى كارخانىلار جەمئىي 7400 توننىدىن ئارتۇق ياڭاق، ياڭاق مېغىزىنى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ماراكەش، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا ئېكسپورت قىلغان.

( ئىختىيارىي مۇخبىر لۇ شۆتىڭ، ساۋ يىڭ )

پايدىلانغان مەنبە: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى