گۇچۇڭ ناھىيەسى:كىچىك موگۇ «بېيىش كۈنلۈكى» بولدى

日期:2022年12月07日
来源:天山网
【字体:

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس كەسىپ ئارقىلىق بېيىش يولىنى ئاچتى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيە بويىچە يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈش كۆلىمى 2000دىن ئارتۇق كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، يىلىغا 280 توننا يېڭى موگۇ ھوسۇل ئېلىپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 12مىليون يۈەندىن ئاشتى.12ـ ئاينىڭ 2ـ كۈنى گۇچۇڭ ناھىيەسى جېبىكى بازىرى جاڭبا كەنتىدىكى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىدىكى دېھقان شيا جىيىنىڭ موگۇ پارنىكىدا رەت ـ رەت زەمبۇرۇغ كالتىكى رەتلىك، تەرتىپلىك تىزىلغان بولۇپ، يۇمران، قېلىن ياپىلاق موگۇلار زەمبۇرۇغ كالتىكىدىن چىقىپ، خۇددى كۈنلۈك ياپقۇچىغا ئوخشايتتى.(ئىختىيارىي مۇخبىرى ئەن تاۋ بەي يۈنفېڭ)

كەنت ئاھالىلىرى موگۇ پارنىكىنى پەرۋىش قىلماقتا. شيا جىيى يەنە شۇ كەنت ۋە ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆزىنىڭ پارنىكىدا ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈندىلىك كىرىمىنى 150 يۈەنگە يەتكۈزدى.

شيا جىيى ئەمدىلا يىغىۋالغان موگۇنى كۆرسەتمەكتە.