موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى: «بېيىش قويى» بېقىش دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ شادلاندۇرى

日期:2022年12月01日
来源:天山网
【字体:

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زامانىۋى چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ چاغان ئۇسۇ موڭغۇل يېزىسى كۆپ تۆللەيدىغان قوي باقمىچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، بۇ يېزىنىڭ دالتى كەنتىدىكى باقمىچىلىق قوتىنىدا 100گە يېقىن كىچىك قۇيرۇقلۇق خەنياڭ قويى يەم يېمەكتە. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى رېنليەن، باتې ناسېن)

  چاغان ئۇسۇ موڭغۇل يېزىلىق چارۋىچىلىق مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ تېخنىك خادىمى قوزىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە ھەمدە باقمىچىلىق ئائىلىسىنىڭ ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش ۋە قوتانلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

  كىچىك قۇيرۇقلۇق خەنياڭ قويى بىر قېتىمدا ئىككىدىن ئۈچكىچە قوزىلايدۇ. بۇ يېزا «قوتاندا بېقىش + يايلىتىپ بېقىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىرتۇتاش باشقۇرۇش، بىرتۇتاش بېقىش، بىرتۇتاش نەسىللەندۈرۈشنى يولغا قويۇپ، بېقىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى كۆپ تۆللەيدىغان قوي باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، كىرىمىنى ئاشۇردى.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى