قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى: ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى كۆپ مەنبەلىك تېرىقچىلىق كەسپى گۈللەندى

日期:2022年11月22日
来源:天山网
【字体:

11-ئاينىڭ 16-كۈنى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى بۇلۇڭتوغراق يېزىسى بۇلۇڭتوغراق كەنتى كۆكتات تېرىقچىلىق بازىسىدىكى پارنىكلاردا شوخلا، لازا، چەيزە قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى، كەنت ئاھالىلىرى كۆكتاتلارنى ئۈزۈپ سېتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇلۇڭتوغراق كەنتى رايون ئەۋزەللىكىنى مەۋقە قىلىپ، كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شىڭ باۋيۈ، ياڭ خۇڭجيەن)

كەنت ئاھالىلىرى شېكەر قومۇشىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ يىل بۇلۇڭتوغراق كەنتىدىكى بىر قىسىم دېھقانلار گۇاڭشى، يۈننەن قاتارلىق جايلاردىن ۋوگەن، شېكەر قومۇشى، مۇگۇا، ماڭگو قاتارلىق جەنۇبنىڭ مېۋىلىرىنى كىرگۈزۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

بۇلۇڭتوغراق كەنتىدە جەمئىي 600دىن ئارتۇق ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك پارنىكى بار بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى پارنىكتا پەسىلسىز مېۋە-چېۋە، كۆكتات تېرىيدۇ، نۆۋەتتە مېۋە -كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈشى ياخشى.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى