كەلپىن ناھىيەسى: «قوي كەسپى»نى ياخشى قىلىپ، كەسىپ ئارقىلىق بېيىش دەرۋازىسىنى «ئېچىش»

日期:2022年11月18日
来源:天山网
【字体:

 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئاچال بازىرىدا، بىر توپ «كەلپىن قويى» چۆللۈكتە ئوتلىماقتا. بۇ يىلدىن بۇيان، كەلپىن ناھىيەسى «كەلپىن قوي گۆشى»نىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 2-تۈركۈمدىكى داڭلىق، خاس، ئەلا، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى باقمىچىلىق سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلدى.

(ئىختىيارىي مۇخبىرلار زۇلخۇمار ئەركىن، غەيرەت جاسارەت)

 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، كەلپىن ناھىيەسى قوي كەسىپلەر باغچىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر. بۇ كەسىپلەر باغچىسى باقمىچىلىق، سويۇپ پارچىلاش، ئىنچىكە پىششىقلاش، چارۋا، قۇشلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش قاتارلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، كەلپىننىڭ قوي كەسپىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدىغان چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇردى.

كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار قوي گۆشىنى پارچىلىماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى