خاس كەسىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى، سۇڭپىياز تېرىقچىلىقى كىرىمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى

日期:2022年11月11日
来源:天山网
【字体:

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا- بازار (رايون)لار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، پائال ۋاسىتىچى بولۇپ، خېرىدار مەنبەسى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا كۈچ قوشۇپ، ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاممىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنىڭ ياخشى تېرىشىغا، سېتىپ چىقىرالىشىغا، باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ھازىر، دەل قاغىلىق ناھىيەسىدىكى سۇڭپىياز يىغىۋېلىش يۇقىرى پەللە مەزگىلى، ئېتىزلىقلاردا ياپيېشىل سۇڭپىيازلار تىك ئۆسكەن بولۇپ كىشىنى خۇشال قىلاتتى، ھاۋانىڭ ئوچۇق، ياخشى بولۇۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرى تەرتىپ بويىچە سۇڭپىياز يۇلۇش، باغلاش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، قىزغىن ئەمگەك مەنزىرىسى بارلىققا كەلگەنىدى. 11- ئاينىڭ 8- كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسى تېتىر يېزىسى ئىناقلىق كەنتىدە، 300 مودىن ئارتۇق سۇڭپىيازدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. بۇ يىل، تېرىقچىلىق ئائىلىسى ما شياۋجۈن يەر ئوبوروت قىلىش ئارقىلىق 80 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ سۇڭپىياز تېرىدى، بۇ يىل ئۇنىڭ ئائىلىسى تېرىغان سۇڭپىيازنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى، ھوسۇلى يۇقىرى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل 80 مو يەرگە سۇڭپىياز تېرىدىم، تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، بىر مودىن 3000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلالايمەن، ھەقىقەتەن بەك خۇشالمەن.»

تېتىر كەنتى سۇڭپىياز تېرىشتا ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولۇپ، سېرىق قۇم تۇپراق تەركىبىدە مول مىنېرال ماددىلار بار، تۇپراق سۈپىتى يۇمشاق، قاتقىلاق يوق، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى، سۇ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى، تېرىلغان سۇڭپىياز شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدا بازىرى ئىتتىك سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى. بۇ ئالاھىدىلىكلەر يەنە سۇڭپىياز تېرىقچىلىقىنى ئىناقلىق كەنتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان «كوزىر»غا ئايلاندۇردى. ما شياۋجۈن مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى مەزگىلدىكى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش ئارقىسىدا، ھەر مو يەرنىڭ سۇڭپىياز ھوسۇلى 4- 5 توننا ئەتراپىدا بولدى، سېتىشتىنمۇ غەم قىلمايمىز. يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى، يېزىلىق ھۆكۈمەتتىكى خىزمەتچىلەر ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ ھەممىسى بىزگە پائال ياردەم بېرىپ سېتىش يولى ئۇقۇشۇپ بېرىدۇ، ھازىر بىزنىڭ كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىمىز بارغانسېرى كېڭەيدى.»

بۇ يىل، ئىناقلىق كەنتى «يەرنى ئوبوروت قىلىش + يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش» ئەندىزىسى بويىچە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سۇڭپىياز تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنى كېڭەيتتى، شۇنداقلا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئىشلەش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى پۇل تېپىش، ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىشتىن ئىبارەت ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. كەنت ئاھالىسى رۇقىيە روزى مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىزنىڭ 20 مو يېرىنىڭ ھەممىسىنى ئوبوروت قىلدۇق، ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن، مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، كىرىمىمىزنى ئاشۇردۇق. پەرۋىش قىلىشتىن تارتىپ يىغىۋېلىشقىچە، تەخمىنەن يېرىم يىل ۋاقىت كېتىدۇ، بىز پۇل تېپىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن تېخنىكا ئۆگىنىۋالالايمىز، مەن كېلەر يىلى سۇڭپىياز تېرىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.»

ئىناقلىق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۈ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل كەنتىمىزدە 300 مودىن ئارتۇق سۇڭپىياز تېرىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، يەنە ئاممىغا سۇڭپىياز تېرىشنىڭ ياخشى ئىستىقبالىنى كۆرسەتتى. كېلەر يىلى، <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت <ئىككى كومىتېتى> ئالاقىدار سىياسەت ئارقىلىق يۆلەشنى قولغا كەلتۈرىدۇ، ھەم ئالاقىدار تېخنىك خادىملارنى نەق مەيداندا ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلىپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى سۇڭپىياز تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ.»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېتىر يېزىسى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، سۇڭپىياز، باش پىياز قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل سۇڭپىياز تېرىلغان كۆلەم تەخمىنەن 2550 مودىن ئاشتى، ھەر مو يەرنىڭ ھوسۇلى 3.5- 5 توننا ئەتراپىدا بولدى، ھەر كىلوگىرام سۇڭپىيازنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى 1.8- 2 يۇەن بولۇپ، باھاسى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن بىر قاتلىنىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. تېتىر يېزىسى بىر تەرەپتىن مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق باشقا جايلاردىكى خېرىدارلارنى سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن شۇ جايدىكى سېتىۋالغۇچى چوڭ ئائىلىلەرنى سېتىۋېلىپ ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ بېسىق ۋاقىتتىن ئۆتكۈزۈۋېتىپ سېتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، سۇڭپىياز مەھسۇلات قىممىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپتە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. تېتىر يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ھەسەنجان مەمتىز مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، تېگەن سۇڭپىيىزى قاتارلىق خاس كەسىپلەر تېرىقچىلىقى جەھەتتە سىجىل بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى سىجىل كۈچەيتىمىز.

(ئىختىيارىي مۇخبىر: رەيھانگۈل سىدىق)

پايدىلانغان مەنبە: قاغىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى