كەنت كادىرلىرى ياردەملىشىپ، 50 مو يەردىكى خۇڭشۇ سېتىلىپ بولدى

日期:2022年11月10日
来源:天山网
【字体:

11-ئاينىڭ بېشىدا، شىخو شەھىرى جۇجەنلۇ يېزىسى شىڭجاجاڭزا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جەي يۈلىنىڭ ئېتىزلىقىدا كەنت ئاھالىلىرى خۇڭشۇ كولىماقتا.

  جيا رۇڭشيا فوتوسى

ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يې شياۋمىن خەۋەر قىلىدۇ) «خۇڭشۇلار سېتىلىپ بولدى، تۈنۈگۈن كەچتە ئەڭ ئاخىرقى بىر ماشىنا خۇڭشۇنى ئېلىپ كەتتى.» 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىخو شەھىرى جۇجەنلۇ يېزىسى شىڭجاجاڭزا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جەي يۈلىنىڭ ئېيتىشىچە، 9-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ۋە كەنت كادىرلىرى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ خۇڭشۇ سېتىشىغا ئىزچىل ياردەم بەرگەن.

شىخو شەھىرى جۇجەنلۇ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ جىپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇجەنلۇ يېزىسى شىڭجاجاڭزا كەنتىنىڭ خۇڭشۇ تېرىش تارىخى بار، بۇ جاينىڭ تۇپرىقى قۇمسىمان ئەت تۇپراققا تەۋە بولۇپ، خۇڭشۇنىڭ ئۆسۈشىگە بىرقەدەر ماس كېلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىلغان خۇڭشۇنىڭ شەكلى كۆركەم، تەمى ياخشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆستۈرۈلگەن خۇڭشۇنىڭ تۈرىمۇ كۆپ.

«بىر تەرەپتىن دېھقانلار خۇڭشۇ ساتسا، بىر تەرەپتىن ئاھالىلەرنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.» ياڭ جىپىڭ مۇنداق دېدى، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە كۆۋرۈكىنى ئورنىتىش ئۈچۈن، ئۇ ۋىيشىن ئارقىلىق بىر تەرەپتىن سودا ساراي، تاللا بازارلىرى، سودىگەرلەر، ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، بىر تەرەپتىن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئاپتوموبىلىنى ئالاقىلىشىپ جەي يۈلىنىڭ خۇڭشۇ ئېتىزىغا بېرىپ خۇڭشۇ كولىدى.

ياڭ جىپىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، باشقا خىزمەتچى خادىملار بىلەن نۆۋەتلىشىپ ياندىن ھەمكارلىشىپ، خۇڭشۇنى توشۇش جەريانىدا يولۇققان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەر ۋاقىت ھەل قىلىپ، بىر تەرەپ قىلىپ، ھەربىر ئاپتوموبىل خۇڭشۇنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك يەتكۈزۈلۈشىگە ئىمكانىيەت ياراتتى.

قانداق خۇڭشۇ كىراخمال ياساشقا ماس كېلىدۇ، قانداق خۇڭشۇغا ئاھالىلەر ئېھتىياجلىق، ياڭ جىپىڭ دائىم سودىگەرلەر ۋە سېتىش يوللىرىنى دەل جايىدا تاپتى، جەي يۈلى ئائىلىسىدىكىلەر ئېتىزدا جىڭلاپ، پۇل يىغىشقا مەسئۇل بولدى.

دېھقانلارنىڭ كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ياڭ جىپىڭ ھەر خىل نەرسە-كېرەك ساتىدىغان سودىگەرلەرنى ۋىيشىنىغا قوشۇپ، ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكى ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش ۋە خىزمەتنى بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق خۇڭشۇنىڭ سېتىلىش باھاسىنى مۇقىملاشتۇردى.

«بۇ يىل خۇڭشۇنىڭ بۇنچە ياخشى سېتىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، يېزىدىكى كادىرلار ۋە كەنت كادىرلىرى ھەقىقەتەن چوڭ ياردەم قىلدى» دېدى جەي يۈلى.

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىخو شەھىرى جۇجەنلۇ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى سىجىل راۋانلاشتۇرۇپ، دېھقانلار تېرىغان بەسەي، لوبو قاتارلىق تۈرلۈك كۆكتاتلارنى بىخەتەر، مۇقىم يىغىۋېلىش، توشۇش، سېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى