ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىش توختاپ قالمىدى، ئادەم بىلەن تەبىئەت نائۈمىدتە قالمىدى

日期:2022年08月17日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن

ئاپئاق بۇلۇتلار ئۈزۈپ يۈرگەن كۆپكۆك ئاسمان، جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلار، ئەركىن ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىقلار، ماكان تۇتقان قۇشلار، سۈزۈك سۇلار، يېشىل قىرغاقلار... بۈگۈنكى شىنجاڭدا، بۇنداق گۈزەل مەنزىرە ھەممىلا يەردە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايون بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىشتا قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، گۈزەل يۇرت ـ ماكاننى ئورتاق قۇرۇش

«ئون يىل ئىلگىرى بۇ يەر سېسىق سۇ ئازگىلى ئىدى، ھەممە يەر ئەخلەت، يۇندى بىلەن توشۇپ كەتكەن، ھازىر بۇنداق چىرايلىق بولۇپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.» قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شەرقىي ئۆستەڭ كوچا باشقارمىسى ئاقيار مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى چاڭ گۇيمېي ھەر كۈنى قومۇل ئۆستىڭى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى فىڭرۇنيۈەندىكى يېشىل كارىدورغا بېرىپ سەيلە قىلىدۇ.

سىجىل كۈچەپ، پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى گەۋدىلىك بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك ھەل قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىغا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

2017 ـ يىلى ۋە 2022 ـ يىلى، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئىككى نۆۋەت شىنجاڭغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ، ئىككى نۆۋەت قايتما ئىنكاس قىلىپ، مەسىلىنى يۆنىلىش قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ياراتتى.

«كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭى»گە ئومۇميۈزلۈك كۈچ سەرپ قىلىندى. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتىن پاكىز ئېنېرگىيەنى ئورنىغا دەسسىتىشكىچە، كۈز، قىش پەسلىدىكى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىن رايون تەۋەسىدە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشكىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانىدا دولقۇنسىمان ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانىدا دولقۇنسىمان تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. 2021 ـ يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك ھۆكۈمەت (مەمۇرىي مەھكىمە) تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئوتتۇرىچە ياخشى بولغان كۈن سانىنىڭ نىسبىتى %74.6 بولۇپ، يىللىق نىشاندىن 1.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان؛ PM2.5نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى 31 مىكرو گىرام\كۇب مېتىر بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11.4 تۆۋەنلەپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلغان؛ ھاۋا ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى نىسبىتى %1 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن.

«سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭى»گە دەل جايىدا كۈچ سەرپ قىلىندى. دەريا، كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، سۇ بايلىقى، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تۈزەش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، دەريا ـ كۆللەرنى باشقۇرۇش بويىچە مەخسۇس قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ۋە دەريا ـ كۆللەردىن قۇم ـ شېغىل ئېلىشنى تۈزەش، دەريا ـ كۆللەردىكى «تۆت قالايمىقاننى تۈگىتىش» قاتارلىق مەخسۇس تۈر ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداش سىجىل كۈچەيتىلدى. 2021 ـ يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن دۆلەتنىڭ باھالىشىغا كىرگۈزۈلگەن يەر ئۈستى سۈيى كەسمە يۈزىنىڭ ئەلا سۇ سۈپىتى نىسبىتى %94.5 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئۈچ پىرسەنت پوئېنت ئاشتى.

«پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭى» پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى. يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يەر تۇپرىقىنىڭ كادمىي قاتارلىق ئېغىر مېتاللاردىن بۇلغىنىشىنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ھەرىكىتى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، ئېغىر مېتاللاردىن بۇلغىنىشقا ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ يېشىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈشى، ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، ئېغىر مېتاللاردىن بۇلغىنىشنى ئازايتىش ۋە تۈزەش ئالغا سىلجىتىلىپ، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. 2021 ـ يىلى، تۇپراق مۇھىتىنىڭ سۈپەت ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، بىرقەدەر چوڭ ۋە ئۇنىڭدىن ئېغىر تاسادىپىي مۇھىت ۋەقەلىرى يۈزبەرمىدى.

كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

8 ـ ئاينىڭ بېشىدىكى باغراش كۆلىدە، كەڭرى كەتكەن كۆل بويىنى قويۇق تۇمانلار قاپلىغان بولۇپ، قومۇشلار يەلپۈنۈپ تۇراتتى. كۆل بويىدا 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق سۇلۇق يەر بار بولۇپ، توپ ـ توپ ياۋا يۇلغۇنلار خۇددى ئوتقاشتەك پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. قاتلاملىرى ئېنىق، رەڭدارلىققا تولغان بۇ ئېكولوگىيە گۈزەل مەنزىرىسىگە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىدىكى كوللېكتىپ ئەقىل ـ پاراسەت مۇجەسسەملەنگەن.

2018 ـ يىلىدىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2 ـ شى، تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى جەمئىي 900 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، باغراش كۆلى ئەتراپىدا شەھەر ـ بازارلاردىكى تۇرمۇش يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش بويىچە 1 ـ دەرىجىلىك A ئۆلچىمىگە ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش، ئېتىزدىن چىقىرىۋېتىلگەن سۇدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، دەريا ـ كۆللەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنى تۈزەش قاتارلىق 49 قوغداش قۇرۇلۇشىنى ئارقا ـ ئارقىدىن تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئارقىلىق، «زۇمرەت كەبى كۆز يەتكۈسىز كۆل سۈيى كۆك ئاسمان بىلەن تۇتاشقان» «ئۇچار قۇشلار سايراپ، بېلىقلار ئەركىن ئۈزۈپ، ياۋا غازلار سەپ تۈزۈپ ئۇچۇۋاتقان» گۈزەل مەنزىرىنى ناھايىتى تېزلا بارلىققا كەلتۈردى.

نۆۋەتتە، باغراش كۆلى ئەتراپىدىكى تۆت ناھىيە، ئالتە تۇەن ـ مەيداننىڭ ھەممىسىدە 1 ـ دەرىجىلىك A قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى شەھەر ـ بازار تۇرمۇش يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قۇرۇلۇپ، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈلگەن نېيترال سۇنىڭ ھەممىسىدىن قايتا پايدىلىنىش ياكى ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى كۈچەپ زورايتىپ، شەھەر ـ بازارلاردىكى تۇرمۇش يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئاجىز تۈرلەرنى چۆرىدەپ، ئالاقىدار رايون ۋە تارماقلارنىڭ كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر ـ بازار يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن جەمئىي 111نى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، بارلىق شەھەر، ناھىيە ـ شەھەرلەرنى يۇندى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، 100 زاۋۇت 1 ـ دەرىجىلىك A ئۆلچەمگە ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىپ، يۇندى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى %97كە يەتكۈزۈلدى، بۇ، 2015 ـ يىلىدىكىدىن 12.23 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ نېيترال سۇدىن قايتا پايدىلىنىش نىسبىتى 2015 ـ يىلىدىكى %14.21تىن 2021 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %35.49كە ئېشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر ـ بازار يۇندى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا مىقداردىن سۈپەتكە ۋە بىر تەرەپ قىلىشتىن ھاسىلىي پايدىلىنىشقا ئۆزگىرىش تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا شەھەر ـ بازارلاردىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى كۆمۈپ بىر تەرەپ قىلىش مەيدانىدىن 90ى قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، بارلىق شەھەر ۋە ناھىيە بازارلىرىنى قاپلىدى، زىيانسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتى %98.64كە يېتىپ، 2015 ـ يىلىدىكىدىن 33.96 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ ئاشخانا ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ئەسلىھەسىدىن ئالتىسى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى كۆيدۈرۈپ توك چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىدىن يەتتىسى قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يىلىغا 8 مىليون 452 مىڭ توننىغا، داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى كۈنىگە 159.7 توننىغا يەتكەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى قوغداش

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى قوغداش ھەرگىزمۇ بىردەملىك ئەجىر بىلەنلا ئىشقا ئاشمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تۈزۈلمە ـ مېخانىزم جەھەتتىن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلىدى.

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت ئاسراش نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش نىزامى» قاتارلىق يەرلىك نىزاملارنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن «شىنجاڭنىڭ مۇھىت قوغداش يىرىك پىلانى(2018 ـ يىلىدىن 2022 ـ يىلىغىچە)» قاتارلىق سىياسەت، ھۆججەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغىچە، 2018 ـ يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا دائىر 120دىن ئارتۇق نىزام، سىياسەت، ھۆججەتنى ئېلان قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىدىكى ئاساسىي قۇرۇلمىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلدى.

شىنجاڭ مۇھىت قوغداش كومىتېتى قۇرۇشتىن ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇشقىچە، يەنە رايون ھالقىپ ئالتە مەمۇرىي تەپتىش مەخسۇس خادىم ئىشخانىسى تەسىس قىلىشقىچە؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆزىتىش ـ ئۆلچەش، رېۋىزىيە قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش تىك لىنىيەلىك تۈزۈم ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىشتىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت زىيىنىغا تۆلەم بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىشقىچە بولغان جەرياندا، شىنجاڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى.

بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتى تۈزۈمى يادرو قىلىنغان «بىر كىنىشكا شەكلى»لىك مۇھىت باشقۇرۇش تۈزۈمىدىن بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئاساسلىق ئاساس قىلىنغان مۇقىم بۇلغىما مەنبەسى بويىچە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش سىستېمىسىغىچە؛ ئاسمان بىلەن زېمىن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ماسلاشتۇرۇلغان، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆزىتىش ـ ئۆلچەش تورىنى تېز بەرپا قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسلىق رايون(ۋادى)لىرىدىكى مۇھىت سۈپىتى ۋە نۇقتىلىق بۇلغىما مەنبەسىنى قاپلىغان كۆزىتىش ـ ئۆلچەش نۇقتا، ئورۇن سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈشتىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش بىر گەۋدىلەشكەن سۇپا قۇرۇلۇشىنى تاماملاشقىچە، تۈرلۈك ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزملار ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىدى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى ھەر مىللەت خەلق يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ قوشىدۇ.