خىلمۇخىل كەسىپ يولى بېيىش دەرۋازىسىغا تۇتاشتى

日期:2022年08月09日
来源:天山网
【字体:

8-ئاينىڭ 4-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۈچئۆستەڭ يېزىسى لەڭگەر كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا ئۈزۈم ئۈزمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كەنت شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئون نەچچە ئەلا سۈپەتلىك ئۈزۈم سورتىنى كېڭەيتىپ ئۆستۈردى، ئۈزۈمچىلىك شۇ جاينىڭ خەلقنى بېيىتىپ كەنتنى گۈللەندۈرۈشتىكى خاس كەسپىگە ئايلاندى.

ۋۇ لې فوتوسى

7-ئاينىڭ 29-كۈنى، ساياھەتچىلەر قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ دافېڭ بازىرى گاۋچياۋ كەنتىدىكى كېشياڭ تۆگىقۇش باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن تۆگىقۇش تۇخۇمى سېتىۋالماقتا. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى «چۈجە چىقىرىش- بېقىش - پىششىقلاش - سېتىش»تىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بازىسى قۇرۇپ، تۆگىقۇش مەھسۇلاتلىرىنى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارغا ساتتى. ھازىر، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكىتۆگىقۇشنىڭ يىللىق قالدۇق مىقدارى2000دىن ئارتۇق بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى