رەسىم قەلىمى ئارقىلىق گۈزەل يېزا - كەنتلەرنى تامدا «جانلاندۇرۇش»

日期:2022年08月08日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، توقسۇن ناھىيەسىنىڭ ئىلانلىق بازىرى بورجاي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىبرايىم نازىر ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا ئولتۇرۇپ سالقىندىغاچ، ھويلىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى تېخى پۇتاپ بولالمىغان دەرەخلەرگە قاراپ، بۇ ئىككى كۈندە ۋاقىت چىقىرىپ يەنە پۇتاشنى ئويلاشتى.

ئۇ بۇ كىچىك ھويلىنى كۆڭۈل قويۇپ ياسىغاندىن باشلاپ، ساياھەتچىلەر دائىم ئۇنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ ئۆيىگە كىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلاتتى. «ئۆينىڭ پۈتۈن تېمىدىكى تاغ - دەريا رەسىملىرى، ئىشىك ئالدىدىكى بېزەك رەسىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم سىزغان.» ئىبرايىم پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ كەنتتە بىر گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بار، بىزگە رەسىم سىزىشنى ھەقسىز ئۆگىتىدۇ، رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۆينىڭ ھەممە يېرى مېنىڭ <رەسىم تاختام>غا ئايلاندى».

ئىبرايىم تىلغا ئالغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسمى ھەبىبۇل قاھار بولۇپ، ئىبرايىمنىڭ ئۆيىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئولتۇراتتى.

ھەبىبۇلنىڭ ئۆيى ناھايىتى پەرقلىق تۇراتتى. ئىككى پارچە ناھايىتى چوڭ 3D ئىستېرېئولۇق رەسىم دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تامغا سىزىلغان بولۇپ، بىرى يېزىدىن يىراقلارغا سوزۇلغان ئاسفالت يول، بىرى «تامنى تېشىپ ئېقىپ چىققان» ئېرىق سۈيى، ئوخشىتىپ سىزىلغان كۆرۈنۈش نۇرغۇن كىشىنى قەدىمىنى توختىتىپ سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلاتتى.

ھەبىبۇلنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسى ھەر ۋاقىت ئوچۇق بولۇپ، دەرۋازىغا «ھەبىبۇل رەسىم كارىدورى» دېگەن خەت يېزىلغان ياغاچ تاختا ئېسىلغانىدى. ھويلىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇنىڭ رەسىملىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، ئۆينىڭ كارىدورى ئۇنىڭ رەسىم كارىدورى بولۇپ، ئۇنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلىرى ۋە ئۇ رازى بولغان رەسىملىرى ئېسىلغانىدى. ئاساسىي ئۆينىڭ ئىشىكى ئۇدۇلىدىكى ئۆي رەسىم سىزىش سىنىپىغا ئۆزگەرتىلگەنىدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى ساقلانغان بولۇپ، كارتون، تاغ - دەريا، شەخس، سىيدام سىزما رەسىم، ماي بوياق رەسىم، سۇ بوياق رەسىملەر رەسىم سىزىش ئۆيىگە لىق تىزىلغانىدى. قەغەزگە سىزىلغانلىرىمۇ، تاشقا سىزىلغانلىرىمۇ، قاپاققا سىزىلغانلىرىمۇ بار ئىدى.

«مەن رەسساملىق ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى 30 نەچچە يىل بولدى، كەنتتىكى بالىلار ئۆيۈمگە كېلىپ مېنىڭ رەسىم سىزىشىمنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۆگىنىشنى خالىغانلارغا رەسىم سىزىشنى ئۆگەتتىم، مەن ئۇلارنىڭ تۇلپار سامادا ئۈزگەندەك ئىجادىيەتلىرىنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ھازىر بۇ يەردە رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىۋاتقان ياشانغانلاردىنمۇ بىرنەچچىسى بار» دېدى ھەبىبۇل.

رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىۋالغان نۇرغۇن كىشىمۇ مۇئەللىمنى دوراپ، ئۆيىنىڭ ئالدى - كەينىگە تام رەسىملىرىنى سىزدى. چىرايلىق تام رەسىملىرى كۆپەيدى، خاس يېزا - كەنت مەدەنىيىتىنىڭ پۇرىقى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. «بۇ، بىزنىڭ يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزغا ناھايىتى پايدىلىق» دېدى تۇرپان شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ بورجاي كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئارزۇگۈل رېشىت.

بورجاي كەنتىدە ھازىر 15 كارىز بار، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇغا سايە تاشلاپ تۇرغان ياپيېشىل دەرەخلەر قوشۇلغاچقا، بۇ يەرنىڭ ياز پەسلى ئىنتايىن سالقىن بولۇپ، ئەتراپتىكى ساياھەتچىلەر ياخشى كۆرىدىغان ئىسسىقتىن ساقلىنىدىغان جايغا ئايلاندى. بىراق قانداق قىلغاندا يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى تېخىمۇ خاسلىققا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟

رەسىم سىزىشقا ھېرىسمەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شۇنچە كۆپلۈكىنى، كۆپچىلىكنىڭ يەنە ئۆزلۈكىدىن كەنتنى بېزەشنى خالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، مەدەنىيەت - ساياھەت يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشنى قارار قىلدى، بورجاي كەنتىنىڭ كارىز مەدەنىيىتى، رەسساملىق مەدەنىيىتى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ پىلانلىدى، مۇھىتنى تۈزىدى، كەسىپنى گۈللەندۈردى. شۇ جايدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بورجاي كەنتىنىڭ قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بولدى، ھەممە ئائىلە ھويلا ئىچى - سىرتىغا گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخ تىكتى، ھويلا - ئارانلارنى گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى، رەسىم سىزىشقا ماھىر كىشىلەر قولىغا رەسىم قەلىمى ئېلىپ رەڭدار كەنتنى سىزىپ چىقتى، بوش قالغان ئۆيلەرمۇ «ياساندۇرۇلۇپ» ئائىلىۋى مېھمانخانىغا ئايلاندۇرۇلدى.

«بىز مۇكاپاتلاشنى تولۇقلىما بېرىشنىڭ ئورنىغا قويۇش شەكلى ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنى دېھقانلار ئارامگاھىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردۇق، ناھايىتى تېزلا كەنتتە تۇنجى دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىلدى، كېيىن يەنە بازار قۇرۇلدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يانچۇقى بارغانسېرى تومپايدى، چېھرىدىكى تەبەسسۇم تېخىمۇ جىلۋىلەندى. بوش ۋاقىتلاردا، بىز يەنە مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەيمىز. ھازىر بورجاي كەنتى ھەم پۇل تاپالايدىغان، ھەم ئىچكى خاس مەزمۇنغا ئىگە يېڭى يېزا - كەنت بولۇپ قالدى» دېدى ئارزۇگۈل.