قورغاس ناھىيەسى: يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى «بەخت يولى»نى ياساش

日期:2022年08月05日
来源:天山网
【字体:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قورغاس ناھىيەسى بىر يول ياساش، بىر مەنزىرە بەرپا قىلىش، پۇقرالارنى بېيىتىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى. 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، قورغاس ناھىيەسى لۇسۇگۇڭ بازىرى ئۇلاستاي كەنتىدىكى يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. بۇ تۈردە 8-ئاينىڭ ئاخىرى قۇرۇلۇش تاماملىنىپ، قاتناش باشلىنىدۇ، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، يول بويىدىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ.

(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خاۋ يىرەن)

قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى رايونلارغا بۆلۈنۈپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە مەشغۇلات قىلماقتا.

قورغاس ناھىيەسىنىڭ يېزا يولىدىن بىر كۆرۈنۈش.