يېشىل، زىيانسىز، ئورگانىك كۆكتاتلار گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا بىۋاسىتە تەمىنلەندى

日期:2022年08月02日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسى كوئېنلۇن نۇڭبو جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى ئۆستۈرۈش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، قىر-قىرلارغاتېرىلغان زىرائەتلەر بىخ چىقىرىپ كۆكىرىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى، دېھقانلار ئېتىزدا بېيبېي كاۋىسىنى پەرۋىش قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىقتىسادىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ جىڭ ناھىيەسى تولى بازىرىنىڭ يوڭجىخۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپتۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك دېھقانچىلىق ئېتىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت بازىسى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى بەرپا قىلدى. 2021-يىلى، جىڭ ناھىيەسى كوئېنلۇن نۇڭبو جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى ئۆستۈرۈش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ياردەم بېرىلىپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بىلەن «كۆك-تاق» ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى، كېلىشىم بېيبېي كاۋىسى، سېرىق جياۋگۇا، ئالقات قاتارلىق ئومۇمىي مىقدارى 10 مىڭ مو كېلىدىغان ئالتە خىل مېۋە-كۆكتات تەمىنات-سودا قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، يىللىق ھوسۇلى 50 مىڭ توننىغا يېتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنىڭ يېڭى بىر يولىنى ئاچتى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلاركۇڭ مېڭيىڭ، ئۇلۇنچىمىك)

تېخنىكا مۇتەخەسسىسى(ئوڭدا) ئېتىزپەرۋىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.

بېيبېي كاۋىسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى