خۇبېي زىگۇي: ئەنئەنىۋى ئېچىتقۇ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

日期:2022年08月02日
来源:天山网
【字体:

7-ئاينىڭ 26-كۈنى، زىگۇيدىكى بىر ئېچىتقۇ مەھسۇلاتلىرى كارخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى يېڭىلا ئىشلەپچىقارغان ئېچىتقۇنى ئاپتاپقا سالماقتا.

7-ئاينىڭ 26-كۈنى، زىگۇيدىكى بىر ئېچىتقۇ مەھسۇلاتلىرى كارخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئېچىتقۇنىڭ ئېچىتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

7-ئاينىڭ 26-كۈنى، زىگۇيدىكى بىر ئېچىتقۇ مەھسۇلاتلىرى كارخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئېچىتقۇنىڭ قاقلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئېلېكتىرونلۇق سودا رىياسەتچىسى زىگۇي ئەنئەنىۋى ئېچىتقۇسىنى تونۇشتۇرۇپ ساتماقتا.

خۇبېي زىگۇي ئەنئەنىۋى ئېچىتقۇسى (شياۋجيۇۋچۈدەپمۇ ئاتىلىدۇ) قەلەمپۇر، دارچىن، چۈچۈكبۇيا قاتارلىق نەچچە ئون خىل جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى پىششىقلىغاندىن كېيىن گۈرۈچ ئۇنى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ئاندىن ئېچىتىش، قۇرۇتۇش قاتارلىق نەچچە ئون ئىش تەرتىپى ئارقىلىق ياسىلىدۇ. بۇ خىل ئېچىتقۇدىن ئىشلەنگەن گۈرۈچ ھارىقى، ئېچىتىلغان گۈرۈچ ئاچچىقسۈيىنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولۇپ، ناھايىتى بازار تاپقان.

زىگۇي ناھىيەسىنىڭ گۇيجوۋ بازىرى شياڭجياۋەن كەنتىدە، شۇ جايدىكى كارخانىلار ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت ئۇسۇلىدا ئېچىتقۇ ئىشلەپچىقىرىشتا چىڭ تۇردى ھەمدە 100دىن ئارتۇق ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە يەككە تىجارەتچىلەر ئارقىلىق ساتتى. تال-تال ئاق ئېچىتقۇ چاڭجياڭ دەرياسى سەنشيا بوغۇزىدىكى تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىن پۈتۈن مەملىكەت ۋە چەت ئەل بازارلىرىغىچە كىرىپ، يىلىغا 10 مىليون يۈەنگە يېقىن كىرىم ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانا 50 نەچچە ئىشچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەتراپتىكى 30 نەچچە ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ بېيىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (نيې شۇاڭ فوتوسى)

«خەلق تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى