«بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز قەلب سەپىرى»

日期:2022年07月29日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

7-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى ۋوگزالى،يەكەن ناھىيەسى ياقائېرىق يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭقەلبى خۇشاللىققا تولغان، مول ھاسىلاتقائېرىشكەنئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى يۇرتىغا قايتىدىغان پويىزغا چىقتى.

7-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ئالدىدا ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئەتتى.

«بىز پەن-تېخنىكا سارىيى، ھايۋاناتلار باغچىسى، مۇزېيغا باردۇق، يەنە بۇ يەردىكى ساۋاقداشلار بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق.»ئۈرۈمچىدىكى بۇ قېتىملىق سەپىرىنىتىلغا ئالغاندا، ياقائېرىق يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئۈمىدجان تۇرسۇننىياز ھاياجانلانغان ھالدا: «بۇ ھەقىقەتەن بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز قەلب سەپىرى بولدى» دېدى.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

7-ئاينىڭ 3-كۈنى، ياقائېرىق يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 48 نەپەرئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ تەكلىپى بىلەنئۈرۈمچىگە كېلىپ، «بالىلار قەلبىنى قاناتلاندۇرۇش ئارزۇغا قاراپ ئاتلىنىش» يازلىق لاگېرپائالىيىتىگە قاتناشتى.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، يەكەن ناھىيەسى ياقائېرىق يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

يازلىق لاگېر مەزگىلىدە، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ تەشكىللەپ پىلانلىشى بىلەن، ئوقۇغۇچىلار مول، رەڭدار پائالىيەتلەر قاينىمىغا چۆمدى. دۆلەت بايرىقى ئاستىدا، بالىلار ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىنى ئېيتىشنى ئۆگەندى، قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى كۆرۈپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ،پارتىيەنى، ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيىدىغان ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇشقا تىرىشىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى؛ داشۆنىڭ مەكتەپ قورۇسى، پەن-تېخنىكا سارىيى، مۇزېي قاتارلىق جايلاردا، ئوقۇغۇچىلار نۇرغۇنيول يۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تونۇشىنى ئۆستۈردى؛ تەتىللىك كىچىك دەرسخانىدا، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىدىكى ئاجىز نۇقتىلارغا قارىتا يوچۇقلارنى تېپىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلدى.

7-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئوقۇغۇچىلار يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى ئويناشنى ئۆگىنىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى، قەدىمىي شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلىش، ئۇچۇر، پەن-تېخنىكا كۆرگەزمىسى، «بەش قەدەمگۇمپىسى» چامباشچىلىقى...7-ئاينىڭ 20-كۈنى، يازلىق لاگېر دوكلات كۆرگەزمە ئويۇنىدا، ئوقۇغۇچىلار روھى كۆتۈرەڭگۈ ھالدا ماھارىتىنى نامايان قىلدى.

7-ئاينىڭ 21-كۈنى، يازلىق لاگېرنىڭدوكلاتكۆرگەزمە ئويۇنىدا، ئوقۇغۇچىلار «مەن پەخىرلىنىمەن، مەن جۇڭگولۇق» دېگەن ناخشىنى ئېيتماقتا.

«مۇئەللىملەرنىڭ بىلىمى چوڭقۇر، ھەممە كىشىمۇلايىم ۋە خۇشخۇي ئىكەن، خۇددى ئۆز تۇغقىنىمىزدەك ھالىمىزدىن ياخشى خەۋەر ئالدى، قايتىپ بارغاندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىمەن!» زۇمرەتگۈل روزىمەمەت كېلەر يىلى باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىدۇ، بۇ قېتىمقى سەپەرئۇنىڭ ياخشى ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە شىنجاڭ سىفەن داشۆسىدە ئوقۇشنى قولغا كەلتۈرۈشتەك كۈرەش نىشانىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

«بالىلار قەلبىنى قاناتلاندۇرۇش ئارزۇغا قاراپ ئاتلىنىش» يازلىق لاگېرى شىنجاڭ سىفەن داشۆسى بىلەن يەكەن ناھىيەسى ياقائېرىق يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭمائارىپ ئارقىلىق نىشانلىقياردەم بېرىش-يۆلەش مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشىھەم ياردەم بېرىش-يۆلەشنى سىجىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر. 2021-يىلىلاگېر پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 80دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قاتناشتى.

«بۇ پائالىيەت بالىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.»يازلىق لاگېر يېتەكچىسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ ياقائېرىق يېزىسى ياقائېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى، ياقائېرىق يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو گۇاڭخۇي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىياقائېرىق يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە مائارىپ ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش-يۆلەشخىزمىتىنى ئىزچىل قانات يايدۇردى، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق، مائارىپ ئارقىلىقياردەم بېرىش-يۆلەش ئەندىزىسىنى «كۈندىلىك ئوقۇتۇش»تىن «كۈندىلىك ئوقۇتۇش + ھەپتە ئاخىرىدىكى كىچىك دەرسخانا + تەتىللىك كىچىك دەرسخانا»غا ئۇزارتتى.كېيىنكى مەزگىلدە، بىز يەنە مەكتەپنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، بۇ جاينىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنىئۆستۈرۈشىگە داۋاملىق ياردەم بېرىمىز، يۆلەك بولىمىز.