导航切换

خاس كەسىپلەر گۈللەندى تەرەققىيات ئۇلى مۇستەھكەملەندى

日期:2022年05月02日
来源:天山网
【字体:

[يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشايلى.غايەت زور ئۆزگىرىش]

4-ئاينىڭ 1-كۈنى، قوش پەسىللىك قوغۇن تېخنىكلىرى پارنىكتا قوغۇنمايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. نۆۋەتتە، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىراھەتباغ يېزىسىنىڭ قوش پەسىللىك قوغۇن پارنىكى تېرىلغۇ كۆلىمى 1100 موغا يېتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈرتكە بولدى.

لى خۇا فوتوسى

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئاستانە يېزىسىنىڭ باغۋەنچىلىك كەنتىدىكى باغۋەنلەر ئۈزۈم تاللىرىنى چاتىماقتا. ھازىر، تۇرپان شەھىرىدىكى 570 مىڭ مو ئۈزۈم ئېتىز پەرۋىشى باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ھەرقايسى يېزا-بازارلاردىكى دېھقانلارمول ھوسۇل ئېلىپكىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈنۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ پەرۋىش قىلماقتا.

ليۇ جيەن فوتوسى

4-ئاينىڭ 6-كۈنى، خىزمەتچى پارنىكتا چاشۇگۇ ئۈزمەكتە. يېقىندا، لوپ ناھىيەسى دول يېزىسىنىڭ دۆڭ كۈزلۈك كەنتىدىكى خوتەن كوئېنلۇن جۈنيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ پارنىكىدىكى چاشۇگۇ قاتارلىق موگۇلار ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى.

ليۇ جيەن فوتوسى

4-ئاينىڭ 6-كۈنى، باغراش ناھىيەسى چاغاننۇر يېزىسىنىڭ ئوتىن غول كەنتىدىكى گۆش كەپتىرى بېقىش بازىسىدا، خىزمەتچىلەر گۆش كەپتىرىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. نۆۋەتتە، بۇ بازىدا بېقىلىۋاتقان گۆش كەپتىرىنىڭ سانى 60 مىڭغا يېتىپ، شۇ جايدىكى 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى.

نيەن لېي فوتوسى

4-ئاينىڭ 11-كۈنى، كورلا شەھىرى قوشئېرىق يېزىسى سايلىق كەنتىدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن نەشپۈت چېچىكىنى چاڭلاشتۇرماقتا. ھازىر، كورلا شەھىرىدىكى 420 مىڭ مودىن ئارتۇق نەشپۈت دەرىخى ئارقا-ئارقىدىن چاڭلاشتۇرۇلۇپ پەرۋىش قىلىش مەزگىلىگە كىردى، باغۋەنلەرمېۋە تۇتۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈنۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ نەشپۈت چېچىكىنى چاڭلاشتۇرماقتا .

چۆ . خۇرە فوتوسى

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە كەسىپكە تايىنىش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا خاسلىق بولۇشى كېرەك.

شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىتەبىئىيلا «تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى، قومۇلنىڭ قوغۇنى، ئاقسۇنىڭ ئالمىسىنى ماختىمايدىغان كىم بار» دېيىشىدۇ...ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك كىلىمات قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكلىرى شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن،شىنجاڭ يەنە «مېۋە-چېۋە ماكانى» دېگەن گۈزەل نامغا ئېرىشكەن.

ھالبۇكى، نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش تېخى پۈتۈنلەي ئىشقا ئاشۇرۇلمىدى. يېزا-كەنت خاس كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا كەسىپ كۆلىمى كىچىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى تارقاق، كەسىپ زەنجىرى قىسقا بولۇش، سورتلۇق، سۈپەتلىك، ماركىلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشسەۋىيەسى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇش قاتارلىق كەمتۈكلۈكلەرمەۋجۇت. يېزا-كەنت خاس كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپيېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭلىقلارنىڭئىزچىلتىرىشىپئىزدىنىدىغان كۈرەش نىشانى بولۇپ كەلدى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ خاس تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون شارائىتى، كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، دىققەتنى يېزا-كەنت خاس كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شارائىتقاقاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئەلا سورت يېتىشتۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ماركا يارىتىش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولۇپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، 1-،2-،3-كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېزا-كەنت خاس كەسىپلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولدى.

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، بىرنەچچە ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى كەڭ كەتكەن ئالمىلىقنىڭ ئۈستىدىنئۇچۇپ ئۆتتى، ئىلگىرىزور مىقداردىكى ئادەم كۈچى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغانچاڭلاشتۇرۇش ئىش تەرتىپى، مانا مۇشۇنداقتېزلا تاماملاندى. «ھازىر، ئاقسۇنىڭ بىڭتاڭشىنئالمىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان مېۋىسىگە،باغۋەنلەرنىڭ بېيىش مېۋىسىگە ئايلاندى» دېدى ئاقسۇ شەھىرى دولان خۇڭگوپىن دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى جاۋ خۇڭگۇاڭ.

ئاپتونوم رايونىمىز باغ-ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ خاس باغ-ئورمانچىلىق كۆلىمى 22 مىليون مو ئەتراپىدا مۇقىملاشتى، 2021-يىلى پۈتۈن يىلداخاس باغ-ئورمانچىلىق ھوسۇلى 17 مىليون 896 مىڭ توننا بولۇپ، خاس باغ-ئورمانچىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ خۇرا تېغى ئېتىكىدە، نەچچە ئونمىڭ مو كېلىدىغان ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسى بار. بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان،ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈمنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ۋە ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن شۇ جايدىكى پۇقرالارباياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتى. شىنجاڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئالتۇن بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆپ يىللىق يېتىشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ۋە ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش چوڭ رايونىغا ئايلاندى. ئاپتونوم رايونىمىز ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى «14-بەش يىل» مەزگىلىدە نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان كەسىپلەرنىڭ بىرى قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى دەرىجىلىك ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش يادرولۇق رايونىقۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

ئاپتونوم رايونىمىز يېزا-كەنت خاس كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى بېيىتىپ، 1-، 2-، 3-كەسىپنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنت خاس كەسىپلىرىنىڭ داڭلىق مېۋىلەرنىلا سېتىشتىن ئىنچىكە پىششىقلاش، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشقا ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، بازارلاشتۇرۇپ تىجارەت قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپتەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى كېڭەيتىپ، قىممەت زەنجىرىنى ئۆستۈرۈپ، خاس كەسىپلەر توپىنى ئۈزلۈكسىز توپلاپ، خاس كەسىپلەر پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتتى.

تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىگە جايلاشقان سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، يېزا ئىگىلىكىدىكى يېتەكچى كەسىپلەرنى چۆرىدەپ،كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپپاختا (پاختا توقۇمىچىلىق)، ئۈزۈم ۋە ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق سەككىز چوڭ كەسىپنىڭ نۇقتىلىق زەنجىرىنىبەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىشنى يۇغۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتنى بىرلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنت خاس كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. 2025-يىلىغا بارغاندا، سانجى ئوبلاستى سەككىز چوڭ يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ نۇقتىلىق زەنجىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، پۈتۈن ئوبلاستنىڭ 1-كەسىپ قوشۇلما قىممىتىنى 28 مىليارد يۈەنگە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قوشۇلما قىممەت نىسبىتىنى %240كە تىرىشىپ يەتكۈزىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز يەنە يېزا-كەنتلەرنىڭ تۈرلۈك مۈلۈك بايلىقىنى كۈچەپ جانلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى فۇنكسىيەسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «يېزا ئىگىلىكى+» كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى تەرەققىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېزا يېڭى كەسىپلىرىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش، كەمتۈكلۈكلەرنىتولۇقلاش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خاس كەسىپلەر ئورۇنلاشتۇرمىسىئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، كەسىپ سىستېمىسىئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش تېخىمۇ راۋانلاشتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىسىجىل كېڭەيدى، تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىسىجىل كۈچەيدى، خاس كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ ئۇلىتېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ،يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم تىرىكىگە ئايلاندى.