导航切换

ئاقىل يېزا-ئىگىلىكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى

日期:2022年04月14日
来源:天山网
【字体:

سۈرەت مەنبەسى:تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى باھار كېلىپ، شىنجاڭدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى، ئېتىز-ئېرىق، مېۋىلىك باغ، پارنىكلار ئالدىراش سىيمالار بىلەن تولدى. بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېمپېراتۇرا كونترول قىلىش سىستېمىسى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق ئۆسۈملۈك ئاسراش... قۇيۇق پەن-تېخنىكا تۈسىنى ئالغان ئاقىل يېزا ئىگىلىكى شىنجاڭدىكى تېرىقچىلىق ئىشلىرىدا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

سۈرەت مەنبەسى: ئانار بۇلۇت

100 مو يەرگە زىرائەت تېرىش ئۈچۈن قانچىلىك ئادەم كۈچى، قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ 100دىن ئارتۇق ئادەم، ئون نەچچە كۈن؟ شىنجاڭنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدىن ئېرىشكەن جاۋاب شۇكى: بۇ ۋەزىپىنى ئىككى-ئۈچ دېھقان بىر دېھقانچىلىق ماشىنىسى ئارقىلىق بىر كۈندىلا تاماملىيالايدۇ. بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان بىرنەچچە چوڭ تىپتىكى ماشىنا سولياۋ يوپۇق يېپىش ماشىنىلىرىنى سۆرەپ ئېتىزدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. يەر ھەيدەش، ئۇرۇق چېچىش، سولياۋ يوپۇق يېپىشتىن ئىبارەت بىر يۈرۈش تېرىش تەرتىپى بىر يوللا تاماملىنىپ، قاتار-قاتار سولياۋ يوپۇقلار تەكشى ئېتىزغا تېز سۈرئەتتە، رەتلىك يېپىلدى. «بېيدوۋ»نىڭ ئورنىتىلىشى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇردى.

سۈرەت مەنبەسى: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى

سۈرەت مەنبەسى:تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى

سۇنى، ئوغۇتنى كونترول قىلىش سىستېمىسى، پۈركۈش سىستېمىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆستۈرۈش كارىۋىتى، سۇنىڭ ئايلىنىش تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش... ئاقىل يېزا ئىگىلىكى تىلغا ئېلىنغاندا ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ، شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ، بايىنغولىن، تارباغاتاي قاتارلىق جايلىرىدا ھەر خىل پارنىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق كونترول قىلىش ئۈسكۈنىلىرى پارنىكتا كۆكتات، گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى.

سۈرەت مەنبەسى:ئانار بۇلۇت

دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى يەر يۈزىدە يىراقتىن كونترول قىلىش ئارقىلىق پۈركۈش مەشغۇلاتىنى ئىشقا ئاشۇردى. دېھقانچىلىق دورىسى، يوپۇرماققا چېچىلىدىغان ئوغۇت قاتارلىقلارنى ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى بىر مو يەرگە بىر مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە چېچىپ بولالايدۇ، %30 دېھقانچىلىق دورىسى، %90 سۇ تېجىلىدۇ. سۈرئىتى تېز، ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇش، دېھقانچىلىق دورىسى ۋە سۇنى تېجەش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق ئۆسۈملۈك ئاسراشنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى ھېسابلىنىدۇ.

سۈرەت مەنبەسى:ئانار بۇلۇت

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېزا ئىگىلىكىدە «ئىنچىكىلەشتۈرۈش» مەشغۇلاتىدىن باشلاپ «ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش»نىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى. كىچىككىنە ئۇرۇق ھەممە يەردە بار،غايەت زور ماشىنا ئىنچىكە ۋە نازۇك مەشغۇلات قىلدى. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە چەكسىز تەسەۋۋۇر ئېلىپ كەلدى، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ كۆپ مۇمكىنچىلىكنى ئېلىپ كەلدى. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئۆزگىچە رەڭدارلىققا ئىگە قىلدى.