مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىغا «تىرەك» بولدى

日期:2019年03月29日
来源:新疆日报
【字体:

نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس تەدبىرىنى يولغا قويۇش، سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتە مايىللىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، «يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال» سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش، نامرات ئوقۇغۇچىلارغا دەل جايىدا ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىغا «تىرەك» بولدى.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىدىكى «كەمتۈكلۈك»لەرنى «تولۇقلاش» ئۈچۈن، شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە (شەھەر)گە قارىتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس تۈر ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 13- بەش يىللىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جەمئىي 3 مىليارد 720 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سېلىنما سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يەسلى يېشىدىكىلەر ئۈچ يىللىق مائارىپى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپىدا تېخىمۇ چوڭ دائىرىلىك ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئومۇملىشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال ماس قەدەمدە كۈچەيتىلگەن، يەسلى يېشىدىكىلەر ئۈچ يىللىق مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %100كە، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش ساپ نىسبىتى%99.89كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش ساپ نىسبىتى %98.60كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىغا ئۆرلەش نىسبىتى %98.6كە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىغا كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %90تىن كۆپرەككە يەتكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، شىنجاڭ يەنە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىلەردىكى، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەردىكى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بولغاچقا قۇتقۇزۇلىدىغان - ياردەم بېرىلىدىغان، بېقىلىدىغان ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار، مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا «دەل جايىدا» ياردەم بېرىش ئارقىلىق، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىدىكى «كەمتۈكلۈك»لەرنى تولۇقلاپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.