导航切换

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى گۈرۈلدەپ، شىنجاڭدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلاندى

日期:2022年04月08日
来源:天山网
【字体:

مەنبە: شىنخۇا تورى

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كەڭ ئېتىزلاردا تىراكتور، سېيالكىلار ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ تېرىقچىلىق مەشغۇلاتى قىلماقتا، ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇلىرى بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ مەشغۇلات قىلماقتا، مۆلچەرلىنىشىچە، 1 مىليون 61 مىڭ 300(يۈرۈش) يېزا ئىگىلىك ماشىنا-جابدۇقى شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا قاتنىشىدىكەن.

يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق دەل جايىدا ئورۇن بەلگىلەپ يول باشلاش، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك ئەشيا تورى قاتارلىق تېخنىكىلارمۇ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا.

شىنجاڭنىڭ يەر بايلىقى مول بولۇپ، «ئادەمنىڭ ئورنىنى ماشىنا ئېلىش» قەدىمى تېزلەشمەكتە.

شىنجاڭدا جەمئىي 106 مىليون مو تېرىلغۇ يەر بار بولۇپ، ئومۇمىي كۆلەم جەھەتتەمەملىكەت بويىچە 5-ئورۇندا تۇرىدۇ، 2021-يىلى شىنجاڭدا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىۋېلىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى %85.48كە يەتتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىيقۇۋۋىتى 24 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

مۇخبىر: دىڭ لېي، لى جىخاۋ، جاۋ گې