导航切换

باھار قۇچاق ئاچقان جەلىپكار شىنجاڭ

日期:2022年04月08日
来源:天山网
【字体:
 

كورلا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن شياڭ گودۇڭ فوتوسى

 مەيىن باھار شامىلى دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ

بىز تەلمۈرگەن باھار كەلدى

بىر قىش ئۇيقۇدا ياتقان بىپايان تۇپراق

ئىللىق قۇياش نۇرىدا قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدى

ھەممە يەر غۇچچىدە ئېچىلغان باھار چېچەكلىرىگە پۈركۈنۈپ

 تەبىئەت رەڭلەندى

باھار بىلەن تەڭ باھاردەك ئىللىق ھايات بىزگە قۇچاق ئاچتى

 
مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

ئەنە قاراڭ! ئۆرۈك، بادام، شاپتۇل، نەشپۈتزارلىققا

رەڭدار چېچەكلەر خۇددى گۈل دېڭىزىدەك

بىزنى باغرىدا قانغۇچە ئۈزۈپ،

باھار مەنزىرىسىدىن قانغۇچە تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلماقتا

چېچەكتىن تارقالغان خۇش-پۇراقلار

كىشىنى مەستخۇش قىلىپ

شېرىن ھېس-تۇيغۇلارغا چۆمدۈرمەكتە

كورلا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن شياڭ گودۇڭ فوتوسى

باھار كېلىپ، باغۇ-بوستانلىق چېچەكنىڭ خۇش ھىدىغا تولدى

ئېتىز-ئېرىقلاردا قاينام-تاشقىنلىق ئەمگەك مەنزىرىسى نامايان بولۇپ

ئۈمىد ئورۇقى ئېتىزلارغا چېچىلدى

 
چۆ. خۇرە  

يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى (ماتېرىيال سۈرەت)

ئەنە قاراڭ!

ئىشچان قوللار باھار مايسىسى كۆچۈرۈش بىلەن ئالدىراش

ئېتىزلاردا ماشىنىلار گۈركىرىمەكتە

تېزگىنەكلىك ئۇچقۇلار كۆكتە «پەرۋاز قىلىپ»

ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كۈچ قوشماقتا

تىيانشاننىڭ جەبۇبى -شىمالىدا

باھارغا تەڭكەش قىلىنغان

ئەمگەك مېلودىيەسى ياڭراپ

ھەممە جاي قاينا-تاشقىنلىققا چۆممەكتە