جەنۇبىي شىنجاڭدا باھار بالدۇر كېلىدۇ، ئېتىز-ئېرىقلاردا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئالدىراش بولىدۇ. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازارلىرىدىكى 200دىن ئارتۇق پەن-تېخنىكا ئومۇملاشتۇرۇش پىدائىيسىدىن تەشكىللەنگەن «لېي فېڭدىن ئۆگىنىش، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئەترىتى» ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە يېتەكلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىغا ئائىت كىتابلارنى تەقدىم قىلىپ، ئېتىز-ئېرىقلاردا ئەمگەك قىلىش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا كۈچ قوشۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىلگىرى سۈردى.
(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: لوپ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى