导航切换

داۋداۋ بىلەن بەيماۋماۋ سىزنى تور تىياتىرى «كېرىيە ياخشى»نى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ

日期:2022年04月01日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى(يىن لۇ خەۋەر قىلىدۇ) 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، تور تىياتىرى «كېرىيە ياخشى»نىڭ تىياتىر گۇرۇپپىسىئۈرۈمچىدە ئاساسلىق ئىجادىيەتچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، بۇ تىياتىر4-ئاينىڭ 8-كۈنى توردا تارقىتىلىدۇ.

«كېرىيە ياخشى»دا بايان قىلىنغان ھېكايىلەر كېرىيە ناھىيەسىدە يۈزبەرگەن بولۇپ، كومېدىيە شەكلى ئارقىلىق يېزا ياشلىرىنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىش ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتەك كەچۈرمىشلىرى نامايان قىلىنغان. بۇ تىياتىرنى تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئانار پىشتى كوللېكتىپى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن.

تىياتىردا يېزا ياشلىرىدىن كېرەم، ۋەلى، داشۆ پۈتكۈزۈپيۇرتىغا قايتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ئاينۇر، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىر چېن رەن قاتارلىقلارئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن شۇ جايدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ بەجانىدىلتىرىشىپ ئىشلەپيېزا-كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەنلىكى، ئۆز غايىسىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدەك يېڭى دەۋر قىياپىتىنامايان قىلىنغان.

رېژىسسور ئابدۇقادىر ئەخمەتتوختى مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى سۈرەتكە ئېلىشتا مەن ھاياتىي كۈچكە تولغان، ھەممە شەيئىيېڭىلىنىۋاتقان كېرىيەنى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىۋاتقانلىقىنى، تۇرمۇشقانىسبەتەن ئىنتىلىشى، كىشىلىك ھاياتقا نىسبەتەن نىشانى بارلىقىنى كۆردۈم. كېرەم ۋە ۋەلىدىن ئىبارەتبۇ ياشلار بىر توپنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى سانسىزلىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىنىڭ ۋەكىلى».

«ئانار پىشتى» كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسىداۋداۋ تىياتىردا كېرەمنىڭ رولىنى ئالدى، دەسلەپتە كېرەمنىڭ پۇل تېپىشتىكى مەقسىتى ئاينۇرنى قوغلىشىش، ياخشى كۆرگەن قىزنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئىدى. لېكىن، ئۇ زاۋۇتتا ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن نەرسە ئۆگىنىپ،ئۆز نىشانىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئۇنىڭ زاۋۇتتىكى ئەڭ قالتىس ئۇستام بولغۇسى كېلىدۇ. «سۈرەتكە ئېلىشتىن بۇرۇن، بىز كەنتتە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە تۇرۇپ، شۇ جاينىڭ تۇرمۇشىنى ھېس قىلدۇق، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلدۇق، ئىشلىدۇق، كەچلىك بازار ئاچتۇق، تاماق يېدۇق، مۇڭداشتۇق، يۈرۈش-تۇرۇشۇمدائۆزەمنى كېرەم دەپ بىلدىم» دېدى ھوشۇق پىچاق.

«ئانار پىشتى» كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى بەيماۋماۋ تىياتىردا كېرەمنىڭ ئامراق رەقىبى ۋەلىنىڭ رولىنى ئالدى. زېرەك ۋەلىنىڭ زاۋۇت قۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغۇسى بار ئىدى، لېكىن ئارمانغا تۇشلۇق دەرمانى يوق ئىدى. ئۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىر چېن رەننىڭ يېتەكلىشى ۋە ياردەم بېرىشى بىلەن، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

تىياتىردا ئاينۇرنىڭ مۇنداق بىر گېپى بار: كېرىيەگە كېلىپ تۆھپە قوشقانلارنىڭ ھەممىسى چىرايلىق. رېژىسسور ئابدۇقادىر: تىياتىردا شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ «چىرايلىق»لىقى گەۋدىلەندۈرۈلدى، بۇ ئاساسلىقى ئۇلارنىڭخىزمەتلەرنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جىددىي، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مۇقىملىق، ئىتتىپاقلىقنى قوغدىغانلىقىدا ئىپادىلەندى، دېدى.

بۇ تىياتىرجەمئىي 20 قىسىم بولۇپ، 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ ھەر ئىككى كۈندە بىر قىسىم يېڭىلىنىدۇ، كۆرۈرمەنلەر شىنلاڭ ۋېيبو سۇپىسىنىڭ ئانار پىشتى V سۇپىسى، سىن نومۇرى ئانار روھى سۇپىسى، كۇەيشوۋ ئانار پىشتى سۇپىسى، بۈگۈنكى باش خەۋەر (今日头条)ئانار پىشتى سۇپىسى، تېڭشۈن سىن ئانار زاۋۇتى سۇپىسى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق كۆرەلەيدۇ.