导航切换

يېزا-كەنت تېمىسىدىكى تور تىياتىرى «كېرىيە ياخشى» 4-ئايدا پۈتۈن تورلاردا ئېلان قىلىنىدۇ شىنجاڭ «ئانار پىشتى» يەنە نادىر ئەسەر چىقاردى

日期:2022年04月01日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 3-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلېگراممىسى (جوۋ چيەن) 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، لى داچۈەن رېژىسسورلۇق قىلغان، شىنجاڭ «ئانار پىشتى» كوللېكتىپىدىكى داۋداۋ، بەي ماۋماۋ باش رول ئالغان، 4-ئاينىڭ 8-كۈنى رەسمىي تورغا چىقىرىلىدىغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تېمىسىدىكى تور تىياتىرى «كېرىيە ياخشى»نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ئاساسلىق ئىجادىيەت كوللېكتىپى تاماشىبىنلار بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئىجادىيەت تەسىراتىۋە ھېس قىلغانلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئاساسلىق ئىجادىيەت كوللېكتىپى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا.

تور تىياتىرىدا تيەنجىننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشھېكايىلىرى ئىجادىيەت ئەسلىي تىپى قىلىنىپ، كومېدىيە شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدىكى دېھقان كېرەم، ۋەلى قاتارلىقلارنىڭ دەل توغرا كېلىپ قالغان بىر ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلىدىن، تيەنجىندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرچېڭ رەن بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقانلىقى ھەمچېڭ رەننىڭ ياردىمىدە كىشىلىك ھايات غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بېيىش يولىغا ماڭغانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايە بايان قىلىنغان.

«كېرىيە ياخشى» ناملىق تور تىياتىرى جەمئىي 20 قىسىم، ھەربىر قىسمى بەش مىنۇت. تىياتىر كېرىيە ناھىيەسىدە سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، يېزىلاردىكى يېڭى كەيپىيات، ئاددىي كىشىلەر ھەققىدىكى ئاددىي ئىشلار نەزەردە تۇتۇلۇپ، يېزىلاردىكى يېڭى ياشلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ ياردىمىدە باشلامچىلىق بىلەن ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلىكىدەك روھىي ھالىتىنازۇك ئۇسۇل، ئۆزگىچە كۆرۈش سەزگۈسى بىلەنقېزىپ چىقىلغانۋە نامايان قىلىنغان.

    ئاساسلىق ئىجادىيەت كوللېكتىپى نەق مەيداندا ئىجادىيەتنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى بايان قىلماقتا.   شۇ كۈنى، «كېرىيە ياخشى» ناملىق تور تىياتىرى كىچىك كۆلەمدە ئالدىن قويۇلدى، نەق مەيداندا كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمىدى. تىياتىرنىڭ ھەقىقىي كۆرۈنۈشىنى تۇنجى بولۇپ كۆرگەن نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئىنكاسى قىزغىن بولدى، ئۇلار «بۇ، يۇرتىمىزنىڭ ئەڭ ئالقىشلانغان<ئانار پىشتى>چولپانلىرى ئورۇنلىغان ئېسىل تىياتىر بوپتۇ»، دەپ تەرىپلەشتى، ئۇلار تور تىياتىرى رەسمىي تورغا چىقىرىلغاندىن كېيىن «يەنە بىر قېتىم كۆرىدىغانلىقى»نى بەس-بەستە بىلدۈرۈشتى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا «كېرىيە ياخشى» تور تىياتىرىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى توغرىسىدا مۇددىئانامە ئىمزالاندى.

شىنجاڭ ئالاقە تورى ساھەسى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۆ فېڭ مۇنداق دېدى: «<كېرىيە ياخشى> ناملىق تور تىياتىرىدابىر توپ ئاددىي كىشىلەر ئارىسىدا يۈزبەرگەن قىزىقارلىق، يۇمۇرىستىك ھەم تەسىرلىكھېكايىلەر كەڭ تورداشلار ياقتۇرىدىغانئورۇنلاش ئۇسۇلىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر كىچىك كەنتتە يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقىداكەنت ئاھالىلىرىنىڭ پائال ئالغا ئىلگىرىلەشتەك بەختلىك تۇرمۇشى نامايان قىلىندى. كۆرۈرمەنلەرگە ئاشۇ ئاددىي، ئەمماكىشىلەر بىلىپ كېتەلمىگەن ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىنىڭ قەتئىي بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، كېرىيە ھەم كېرىيەگە ئوخشاش رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقى ھەم تېخىمۇ پارلاق ۋە بەختلىك ئەتىگە قاراپ ماڭغانلىقى سۈرەتلەپ بېرىلدى».