导航切换

ئىچىدىغان سۇ بارغانسېرى تاتلىق بولۇپ كەتتى

日期:2022年03月29日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى مېھرىگۈل ناسىر، ليۇ دۇڭلەي

3 - ئايدا، بارلىق مەۋجۇدات ئويغىنىپ، ئوت - چۆپلەر ياشىرىشقا باشلىدى، قۇشلار ئەركىن پەرۋاز قىلدى، يەكەن دەرياسى ئىللىق قۇياش نۇرىدا تىپتىنچ ئاقتى.

يەكەن ناھىيەسى ئىگەرچى بازىرى زەيلىك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بۇنىياز مەمەت ھويلىسىدىكى جۈمەكتىن چىققان سۇدا كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەرنى يۇيۇۋاتاتتى، سۈپسۈزۈك تۇرۇبا سۈيى شارىلداپ ئاقماقتا ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ ھويلىسى، تازىلىق ئۆيى، ئاشخانىسىنىڭ ھەممىسىگە جۈمەك ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ يەنە يەكەن ناھىيەسىدىكى بارلىق يېزا ئائىلىلىرىنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسى ئىدى.

«ياز پەسلىدە دەريا سۈيى ئىچىش، قىش پەسلىدە قار سۈيى ئىچىش». نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، پاسكىنا كۆل سۈيى ۋە يەر ئاستىدىن قۇدۇق قېزىشتىن ئېقىپ چىققان تۇزلۇق سۇ ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشتا ئىچىدىغان ئاساسلىق سۈيى بولۇپ، پاكىز، بىخەتەر تۇرۇبا سۈيى ئىچىش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسى ئىدى.

«مەن كۆل سۈيى ئىچىشتىن ھازىرقى تۇرۇبا سۈيى ئىچىشكىچە بولغان جەرياننى باشتىن كەچۈردۈم، بىزنىڭ سۈيىمىز بارغانسېرى پاكىز، بارغانسېرى تاتلىق بولۇپ كەتتى» دېدى بۇ يىل 72 ياشقا كىرگەن، ئون نەچچە يىل زەيلىك كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان ئابدۇسەمەت ئەبەي. ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كۆل سۈيى پەسىل قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەزىدە بار، بەزىدە يوق ئىدى، ئادەم بىلەن چارۋا ئورتاق ئىشلىتىشمۇ دائىملىق ئەھۋال ئىدى، ئۇ چاغدا ھەممەيلەن سۇ چېلىكىنى كۆتۈرۈپ سۇ توشۇيتتى، ئۆيگە قايتىپ سۇنى بىر مەزگىل تىندۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىچكىلى بولاتتى. «سۇنىڭ سۈپىتى ۋە تەمى تەبىئىيكى بۈگۈنكىگە ئوخشىمايتتى».

ھۆكۈمەت ۋە ساھە، تارماقلارنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى ئارقىلىق، يەكەن ناھىيەسىنىڭ «ئاسمانغا تايىنىپ سۇغا ئېرىشىدىغان» كۈنى ئاللىقاچان ئۆتمۈشكە ئايلاندى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى بارغانسېرى ياخشىلاندى، سۇغا بولغان تەلىپىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى بولدى. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئوخشاش، بۇ يەرنىڭ ئىچىدىغان سۈيىنىڭ دەرىجىسى قايتا - قايتا ئۆستى.

2019 - يىلىدىن بۇيان، كۆپلىگەن يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، يەكەن ناھىيەسى بىخەتەر، ئىشەنچلىك سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشى قىلدى. خېدۇڭ تەۋەلىك رايونىدىكى يەتتە يېزا - بازارنىڭ يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى مىسال قىلساق، بۇ قۇرۇلۇش 2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا رەسمىي سۇ يەتكۈزۈلۈپ يۈرۈشتۈرۈلدى. پۈتكۈل قۇرۇلۇش تۈرىدىكى قۇرۇلۇش سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشى، باش سۇ زاۋۇتى، سۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى، سۇ تەقسىملەش تۇرۇبا تورى، سۇ ئايرىش زاۋۇتى (بېسىم ئاشۇرۇش پونكىتى) قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بەش چوڭ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يەكەن ناھىيەسى خېدۇڭ مەركىزىي سۇ زاۋۇتىغا كىرگەندە، قاتار - قاتار تورسىمان تالاسىمان ئۇيۇما كۆلچەكلەر كۆزگە چېلىقىدۇ، سۇ ئامبىرىدا يەكەن دەرياسىنىڭ تىندۇرۇلغان سۈيى ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن، A شەكىللىك يانتۇ تاختىلىق تىندۇرۇش كۆلچىكىگە يېتىپ بېرىپ، دۇغلار بىر قاتار تازىلىنىپ، ئاندىن تەركىبىدە تالالىق سۈزگۈچ بولغان D شەكىللىك سۈزۈش كۆلچىكىگە ئېقىپ كىرىپ، سۇدىكى تېخىمۇ ئۇششاق دانچىسىمان ماددىلار سۈزۈۋېتىلىدۇ، ئاندىن تازىلاش كۆلچىكىگە كىرىدۇ ھەم ناترىي ھىپوخىلوراتلىق ھاسىل قىلغۇچ ئارقىلىق سۇ دېزىنفېكسىيەلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا سۇ تازىلىغۇچ ئارقىلىق دېزىنفېكسىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەكەن دەرياسى سۈيى بىر قاتار يۇقىرى ئۆلچەمدە تازىلىنىش جەريانىدا شارقىراپ ئاۋاز چىقىرىپ، خۇددى سەكرەپ يۈرگەن نوتا بەلگىلىرىگە ئوخشاش، شادىيانە مېلودىيەنى ياڭراتماقتا.

«ئىچىدىغان سۇ سۇ ئېلىش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يەتكۈزۈش − سۇ زاۋۇتىدا سۇ بىر تەرەپ قىلىش ھۈنەر - سەنئىتى بىلەن ساپلاشتۇرۇش − سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىپ ئۆلچەش − سۇ تەقسىملەش تۇرۇبا تورى بىلەن دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق، كەڭ دېھقانلار ئۆلچەمگە يەتكەن تۇرۇبا سۈيى ئىچەلەيدىغان بولدى.» يەكەن ناھىيەسى خېدۇڭ مەركىزىي سۇ زاۋۇتىنىڭ مۇئاۋىن زاۋۇت باشلىقى جاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: «ھازىر يېزىلىرىمىزدا ئىچىدىغان سۇ شەھەرنىڭ ئۆلچىمىدىنمۇ يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ».

نۆۋەتتە، يەكەن ناھىيەسىدە يېزا مەركەزلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش سۇ زاۋۇتىدىن جەمئىي توققۇزى بار بولۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 169 مىڭ ئائىلىلىك يېزىلاردىكى سۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى، يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىش نىسبىتى %100 بولۇپ، سۇ مەنبەسى، سۇ سۈپىتى، سۇ مىقدارى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپلا قالماي، سۇ بىلەن تەمىنلەش تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلدى، يەنە كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك پەسەيتىلىپ، پەسىل خاراكتېرلىك سۇ ئۈزۈلۈپ قېلىش، سۇ توختاپ قېلىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، سۇ بېسىمى يېتەرلىك بولماسلىق، سۇ مىقدارى يېتىشمەسلىك مەسىلىسى تۈپتىن ھەل قىلىندى.

جاڭ تاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: سۇ بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، سۇ ۋاسىتە قىلىنغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى يېزا - بازارلاردىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش پونكىتلىرى ھەر كۈنى 24 سائەت سۇنى دېزىنفېكسىيەلەش، مىكروب ئۆلتۈرۈش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىپ، ئىچىدىغان سۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى؛ تەمىنلىنىدىغان سۇ سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مىڭ توننا، 10 مىڭ ئادەمگە سۇ تەمىنلەيدىغان سۇ زاۋۇتىنىڭ سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش قېتىم سانى يىلدا ئىككى قېتىمدىن كەم بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت پونكىتى سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ لابوراتورىيە خادىملىرى قەرەللىك ھالدا زاۋۇتتىن چىققان سۇ، ئاخىرقى ئۇچتىكى سۇنىڭ سۇ سۈپىتى ئەھۋالىنى كۈندىلىك كۆزىتىپ ئۆلچىدى، ھەر يىلى 3 - تەرەپ سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىككى قېتىم قانات يايدۇرۇشقا ھاۋالە قىلدى.

«تۈر قۇرۇلۇشى كەڭ دېھقان - چارۋىچىلارنى پاكىز، خاتىرجەم تۇرۇبا سۈيى ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى» دېدى يەكەن ناھىيەلىك يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ئابدۇشۈكۈر ئابلەت.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق نامرات نوپۇسنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسى ھەل قىلىنغان، ئەڭ ئاخىرىدا قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، چەت، يىراق، ئېگىز، سوغۇق تاغلىق رايوندىكى سۇ يەتكۈزۈلمىگەن 67 كەنتنىڭ ھەممىسىگە سۇ يەتكۈزۈلگەن. تاغ ئىچى - سىرتى، جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭدا سۇ تېخىمۇ سۈزۈك، تېخىمۇ تاتلىق بولغان.