导航切换

خېجىڭدا كادىرلار «يېزا-كەنت مېھمان كۈتۈش زالى»دا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى

日期:2022年03月28日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر خې شياۋجو

«تۆۋەندە مۇئاۋىن بازار باشلىقى ناسىنباتنى يېزا-كەنت يېرىگە ئائىتسىياسەتلەرنىسۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز». 3-ئاينىڭ 1-كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ نەمىنمودۇن بازىرى نەمىنمودۇن كەنتىدىكىكەنت ئاھالىسى ما باۋمىننىڭ ئۆيى«يېزا-كەنت مېھمان كۈتۈش زالى» قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى، ما باۋمىن كەنت ئاھالىلىرىگە شۇ كۈنى «مېھمان» بولۇپ كەلگەن بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرلارنى تونۇشتۇردى، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ھەل قىلدى.

بۇ يىل يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل، خېجىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەرقايسى يېزا-بازار، ھەرقايسى كەنت(مەھەللە)لەرنى«يېزا-كەنت مېھمان كۈتۈش زالى»، «يېزا ئاقىللار سارىيى»، «شەخسىي زىددىيەت-ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش ئىشخانىسى» قاتارلىقلارنىقۇرۇشقا تەشكىللىدى ۋە يېتەكلىدى،دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، خىزمەتتىكى بۆلۈم دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى «مېھمان» سالاھىيىتى بىلەن كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىغا قاتنىشىپ،كەنت ئاھالىلىرىگە قانۇن-سىياسەت بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە تەشكىللىدى.

خېجىڭ ناھىيەسىدىكى «يېزا-كەنت مېھمان كۈتۈش زالى» كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسىنى بىرلىك قىلغان، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزى تەشكىللىگەن ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش، ئۆزىگە ئۆزى مۇلازىمەت قىلىش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان تەشكىلىي شەكىلنىڭ بىرى. «نەمىنمودۇن كەنتىدىكى <يېزا -كەنت مېھمان كۈتۈش زالى> ئالتەدېھقاننىڭ ئۆيىگە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، قەرەلسىز ئېچىلىدۇ، بۇ كەنت ئاھالىلىرى شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ نەزەرىدە ھۆرمەتلىك، ئابرويلۇق كىشىلەر بولۇپ، قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە»دېدى خېجىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شۈبىڭ.

ۋاڭ شۈبىڭ مۇنداق دېدى: ناھىيە پۈتۈن ناھىيەدىكى بۆلۈم دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ يېزا-كەنتلەرنى ئۈنۈملۈك تۈزەش جەھەتتىكى رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى سىياسەتنى چۈشەنمىسە سىياسەتنى بىلىدىغان كادىرلارنى چاقىرتىپ چۈشەندۈرۈش، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنىھەقىقىي تۈگىتىش، زىددىيەت-ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدىلا ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ تەدبىرنى يولغا قويدى، شۇڭاناسىنبات«يېزا-كەنت مېھمان كۈتۈش زالى»غا «مېھمان» بولۇپ كەلگەن.

«مەن بىلدىم، خاتالىق مەندىكەن، قوشنامدىن ئاغرىنمايمەن». ناسىنباتنىڭ يېزا-كەنت يېرىگە ئائىتسىياسەتتوغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىسى جاڭ پىڭ قوشنىسى بىلەن قول بېرىشىپ ئەپلىشىپ قالدى. يېقىندا،قوشنىسى بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا يەر ماجىراسى يۈزبېرىپ، ئىزچىل ھەل بولمىغانىدى.

«بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت جەريانىدا بىز بارلىق پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى، بولۇپمۇ بۆلۈم دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىكەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىستىلى مەدەنىيلىكى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىش، ئىدارە قىلىش ئۈنۈملۈك بولۇش ۋە تۇرمۇش باياشات بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز ئارتۇقچىلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىمىز»دېدى ۋاڭ شۈبىڭ.