导航切换

شىنجاڭدا رەقەملىك يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى

日期:2022年03月27日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن

پارنىك ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەملىك دەرىجىسى، كاربون (IV) ئوكسىدىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ كونترول قىلىنىدۇ، تېخنىك خادىملار يىراق مۇساپىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كۆزىتىپ كونترول قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېرىقچىلىق قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ... ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئاقتۇ بازىرى نوقۇنچى ئېرىق كەنتىدىكى ئاقىل پارنىكتا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ موگۇ تېرىشى تېخىمۇ ئاسانلاشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ كەڭ يېزىلىرىدا رەقەملىك يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرى، ئېكولوگىيە، مەدەنىيەت، ئىدارە قىلىش، مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

يېزا يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقىرىلدى

مەركەزنىڭ 2022 - يىللىق 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: رەقەملىك يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش رەقەملىك يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تىرىكى.

3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شىركىتى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ تېلېگرافى» دېيىلىدۇ)دىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ تېلېگرافى يېزا رايونلىرىدا يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، 5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئەشيا تورى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئاساسىي ئېقىم تېخنىكىسىنى پائال كىرگۈزۈپ، رەقەملىك تېخنىكا بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رەقەملىك يېزا - كەنتنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملىگەن. 5G ھەم ئەشيا تورى تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئاقىل كالا باقمىچىلىقى، ئاقىل توخۇ باقمىچىلىقى، ئاقىل چوڭ ئېكران، سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى كۆزىتىپ كونترول قىلىش سۇپىسى بەرپا قىلغان.

جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشى» دېيىلىدۇ) بۇلۇت ئىقتىدار مەركىزى ھەل قىلىش لايىھەسى ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى چېن شيەنۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشى ئالدى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدا 5G تورىنى قۇرۇپ ئاچتى، ھازىرغىچە، 12 مىڭدىن ئارتۇق 5G ئاساسىي پونكىتىنى قۇرۇپ ئېچىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ناھىيە بازارلىرى ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك رايونلاردا 5G سىگنالى ئۈزلۈكسىز قاپلاشنى، 2000دىن ئارتۇق يېزا قىزىق نۇقتا رايونىنى ئۈنۈملۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشى بىلەن جۇڭگو رادىيو - تېلېۋىزىيە شىنجاڭ تورى پاي چەكلىك شىركىتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، 700MHzچاستوتا بۆلىكى 5G تورى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، چەت، يىراق رايونلاردىكى ئاممىنىڭ رەقەملىك تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنىڭ تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلۇشىغا قولايلىق ياراتتى.

2016 - يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى» دېيىلىدۇ) چەت، يىراقتىكى 420 يېزا - كەنتنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك ئوپتىك تالا تورىنى تۇتاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، بۇ مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ تور بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى %89تىن %100كە ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى يېزىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئۇچۇر - خەۋەرلىشىشنىڭ تارقىلىش ئېففېكتىنى جارى قىلدۇرۇپ، «1000 مېگابايتلىق تور يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇشى»نى تېزلىتىپ، 2025 - يىلىغا بارغاندا نۇقتىلىق يېزا - بازارلاردا 1000 مېگابايتلىق تورنى ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

يېڭى تېخنىكىدىن تولۇق پايدىلىنىلىپ، رەقەملىك يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى. شىنجاڭ تېلېگرافى «ئالاقە تورى +»تىن پايدىلىنىپ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بوشلۇقتىكى «مىڭلىغان تاغ - دەريالار»نى توردىكى «ناھايىتى يېقىن جاي»غا ئايلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېزا - كەنتلەردىن چىقىرىلىشىغا ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشتى. 2021 - يىلى، شىنجاڭ تېلېگرافى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش ئالاقە سۇپىسىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەتقىق قىلىپ ئاچتى، نۆۋەتتە بۇ سۇپىغا سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى ھەم ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىدىن 94ى ماكانلاشتى، رويخەتكە ئالدۇرغان ئابۇنىچى 12 مىڭ 666گە، بازارغا سېلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى 689 خىلغا يەتتى.

ئاقىل يېزا - كەنتلەر تېخىمۇ گۈزەللەشتى

«ئاقىل پارنىك بولغاچقا، موگۇلار بارغانسېرى ياخشى ئۆسۈۋاتىدۇ، كىرىمىمىزمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ!» 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، رەقەملىك يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى تىلغا ئېلىنغاندا نوقۇنچى ئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سادەمقارى سۇلايمان كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.

يان تېلېفون بىلەنلا قىيىنچىلىق، ئىلتىماس - تەلەپلەرنى بىۋاسىتە ئىنكاس قىلغىلى بولىدىغان بولدى، گۇما ناھىيەسىنىڭ گۇما بازىرى بوستانتوغراق كەنتىدە، «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىق، ئىلتىماس - تەلەپ سۇپىسى» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىر «ئىش تىزىملىكى»نى شەكىللەندۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچى خادىملارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرىدۇ، كەنت دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار يەنە ئارقا سۇپا ئارقىلىق قىيىنچىلىق، ئىلتىماس - تەلەپلەرنىڭ بېجىرىلىش سۈرئىتىنى ئىگىلەپ، تەرتىپ بويىچە نازارەت قىلىدۇ.

ئەقىل - پاراسەت جارى قىلدۇرۇلغاندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ دېھقان رەقەملىك تەرەققىياتنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولدى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە رەقەملىك يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، بۇ، 63 ناھىيە، 189 مەمۇرىي كەنت ھەم مەھەللىگە چېتىلىدۇ. 2021 - يىلى بايىنغولىن ئوبلاستى، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا 157 كەنت ھەم مەھەللىنىڭ رەقەملىك يېزا - كەنت سۇپىسى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىلدى.

جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بويىچە يەتتە چوڭ قۇرۇلۇشقا تايىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىدارە قىلىش، كەسىپ، پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت ئاساسىدىكى «7+4+3+1» رەقەملىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، بۇ، پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلەنگەن ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پىروگراممىنى تېز سۈرئەتتە يېڭىلاپ تۇرىدىغان «رەقەملىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بۇلۇت سۇپىسى»نى بەرپا قىلىش، ئاقتۇ ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - شى 150 - تۇەنىدىن ئىبارەت دۆلەت دەرىجىلىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە تۆت ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى، ماناس ناھىيەسىدىن ئىبارەت ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە بىر ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى بەرپا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، نۇقتا، لىنىيە، دائىرىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭغا تەدرىجىي كېڭەيتىلىپ، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلدى.

شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كەسپى تېخنىكا باش نازارەتچىسى نيې رۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، بايىنغولىن ئوبلاستى، ئىلى ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردا رەقەملىك يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى 142 كەنتنىڭ رەقەملىك يېزا - كەنت سۇپىسى قۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن بولۇپ، بۇ سۇپا پارتىيە قۇرۇلۇشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توردا كەنت ئىشلىرىنى بېجىرىش، سىياسەت سۈرۈشتۈرۈش، ئاقىل كۇتۇپخانا قاتارلىق 40 نەچچە تۈرلۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

رەقەملىك يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇردى.

رەقەملىك يېزا - كەنت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈردى

«بۇنىڭدىن كېيىن، بىز داۋاملىق <تور +> يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئەندىزىسىگە تايىنىپ، رەقەملىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، يەتتە تۈرلۈك ياردەم قىلىش، يۆلەش تەدبىرى ۋە يېزا - كەنتلەرنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بويىچە يەتتە چوڭ قۇرۇلۇشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش يولى قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشىغا ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز» دېدى چېن شيەنۋېي.

نيې رۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى رەقەملىك تېخنىكا ئارقىلىق يېزا - كەنت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا سىجىل كۈچ قوشۇپ، رەقەملىك يېزا - كەنت يېڭى سۇپىسى قۇرۇپ، رەقەملىك يېزا - كەنت يېڭى ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىپ، رەقەملىك يېزا - كەنت يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، رەقەملىك يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، رەقەملىك سۇپىنىڭ توپلىنىش ئېففېكتىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بۇلۇت بىلەن تور يۇغۇرۇلغان يېڭى سۇپا» بەرپا قىلىپ، يېزا - كەنت ئىدارە قىلىشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ؛ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرى مول بولۇش ئېففېكتىنى جارى قىلدۇرۇپ، «يېزا - كەنت كەسىپلىرىدە يېڭى ئەمەلىي قوللىنىش»نى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دىققەتنى يېزا كەسىپلىرىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا كەسىپلىرىنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىگە كۈچ قوشىدۇ؛ رەقەملىك تېخنىكىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئېففېكتىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئۇچۇر ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش يېڭى مۇلازىمىتى» بىلەن تەمىنلەپ، ئۇچۇر - خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈش، دېھقانلارغا يۈزلەندۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، سىگنالنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تور سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ، مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرىدۇ.

ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە، شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى يېزا - كەنتلەردىكى مەكتەپلەر، ئائىلىلەر بىلەن يىراق مۇساپىلىك ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنتلەردىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنت ئالاقە تورى مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرمەكتە ھەم پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭەيتمەكتە.

چېن شيەنۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشى يەنە «يېزا - كەنت مەدەنىيىتىنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى − رەقەملىك مۇزېي − VR يېتەكچىسى» تۈرىنى تاماملاپ، تۈر ئەمەلىي قوللىنىشى ئارقىلىق بىڭتۇەندىكى 4A دەرىجىدىن يۇقىرى 18 مەنزىرە رايونى ۋە سەككىز مۇزېينىڭ تولۇق كۆرۈنۈشلۈك كۆرگەزمىسىنى تاماملاپ، 5G تېخنىكىسى ئارقىلىق بىڭتۇەننىڭ يېزا - كەنت مەدەنىيىتى ۋە ساياھەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

چىڭگىل ناھىيەسىدە ئاقىل چارۋىچىلىق پائال كېڭەيتىلدى، بۇنىڭ بىلەن شۇ جاينىڭ چارۋىچىلىقنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئۆستۈرۈلۈپ، باشقۇرۇش ۋاسىتىلىرى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىگنال بېرىش، چارۋىنى ئاقىل بېقىش تەدبىرى ھەم باشقۇرۇش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلدى.

رەقەملىك يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى بارلىققا كەلتۈرگەن يېڭى كەسىپ ھالىتى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنى ماڭغانسېرى كېڭەيتتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا كۈنسايىن تېخىمۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى.