قاغىلىق ناھىيەسى: ھويلا-ئاراندىكى «مىكرو باقمىچىلىق» - «كەپتەر» يېڭى تۇرمۇشنى مەدھىيلىدى

日期:2019年03月28日
来源:天山网
【字体:

قاغىلىق ناھىيىسى يىتىممازا يېزىسى ئاراش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇخان ھەمدۇللا بۇ ئىككى كۈندە بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، زور بىر تۈركۈم كەپتەر يېڭىلا تۇخۇمدىن چىققان بولۇپ، ئەي بولۇش نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇ باچكىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى،گەرچە چارچىسىمۇ، ئەمما چېھرىدىن مەمنۇنلۇق تەبەسسۇمى جىلۋىلىنەتتى.

2017-يىلى، تۇخان ھەمدۇللا كەپتەرنى ياخشى كۆرگەنلىكى ھەمدە كەپتەر باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى بار دەپ قارىغانلىقتىن، كەپتەر بېقىش تېخنىكىسىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ھەمدە كەپتەر بېقىشنى قارار قىلدى، ئۇ بىر قېتىمدىلا 50 جۈپ نەسىللىك كەپتەر سېتىۋېلىپ باقتى،ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ كەپتەرلىرىنىڭ سانى 260 تىن ئاشتى.

تۇخان ھەمدۇللا مۇنداق دېدى :« مېنىڭ كەپتەر بېقىۋاتقىنىمغا ئىككى يىل بولدى، بۇ ئىككى يىل جەريانىدا، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ماڭا نەسىللىك كەپتەرنى ئالاقىلىشىپ بەردى، بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، يەم-خەشەك قاتارلىقلارنى ئۇقۇشۇپ، مېنى كەپتەر بېقىشكەسىپ ئەھلى ئەمەس ھالەتتىن ھازىرقى كەسىپ ئەھلىگە ئايلاندۇردى. مەن نەسىللىك كەپتەرنى سېتىش ئارقىلىق، ھەر يىلى 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدىم. يېقىندا، مەن كاتەكنى كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، نەسىللىك كەپتەرنىڭ سانىنى 500 گە يەتكۈزۈپ، كەپتەر بېقىشنى بىر كەسىپ سۈپىتىدە ھەقىقىي تۈردە زورايتىمەن ۋە كۈچەيتىمەن.»

« كەنت ئاھالىلىرى خاس باقمىچىلىقنىڭ ئىستىقبالىنى كۆردى، بۇ يىل، ھويلا-ئاران ئىگىلىكى ۋە ھويلا-ئاراننى تۈزەشنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنتىمىزدىكى كۆپ ساندىكى كەنت ئاھالىلىرى «مىكرو باقمىچىلىق» سېپىگە قوشۇلدى، شۇنداق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يوللىرى بارغانسېرى كۆپەيدى.» دېدى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم ئابدىن. ( شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسى يىتىممازا يېزىسى ئاراش كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىنتاڭ شەنبىن، ساۋ شۆ تەمىنلىگەن)

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ