ھەر مو بۇغدايغا 220 يۈەن سىياسەت ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ يى) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يازغى بۇغدايغا سىياسەت ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش سوممىسى كۈزگى بۇغداي بىلەن بىردەك بولۇپ، ھەر موسىغا 220 يۈەن بېرىلىدىكەن. تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش شەكلى دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىشتىن ئالىدىغان پايدا مۆلچەرىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرىدىكەن.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشقا مەدەت بېرىشكە مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇردى. مەركەز ئەمەلىي ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارغا بىر قېتىمدىلا بېرىش ئۈچۈن چۈشۈرگەن ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىدا، ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىشلىتىپ، يازغى بۇغداينىڭ ھەر موسىغا بېرىلىدىغان ياردەم تولۇقلىمىسىنى 220 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنى پائال ئاشلىق زىرائىتى تېرىشقا يېتەكلەپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يازغى بۇغداي تېرىش نىشان- ۋەزىپىسىنى تاماملىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇلتۇر قىش پەسلىدە ھاۋا كىلىماتىنىڭ بۇغداينىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز بولۇشى ۋە بۇغداينىڭ سېلىشتۇرما ئۈنۈمىنىڭ سەل تۆۋەن بولۇشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ ئاشلىق زىرائىتى تېرىش ئاكتىپلىقى سەل تۆۋەنلىگەن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بولۇپمۇ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى سەل ئاشقان. يېزا ئىگىلىكى- يېزا تارماقلىرى كۈزگى بۇغداي مايسىلىرىنىڭ كۆكىرىش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، مايسا ئەھۋالى ناچارراق بولغان ئېتىزلارغا «نۇقتىدىن نۇقتىغا» يېتەكچىلىك قىلىپ، مۇلازىمەت قىلىپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى ئېتىزلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مايسا ئەھۋالىنىڭ سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يازغى بۇغداي تېرىش ۋە تولۇقلاپ تېرىش خىزمىتىنى پائال پىلانلاپ، بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇپ، مول ھوسۇل ئاساسىنى پۇختىلاۋاتىدۇ.