ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇر قىش، بۇ يىل ئەتىيازدىكى ئۈچ ئاي ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە «قىشلىق ھۇجۇم»نى قانات يايدۇردى−

دەل جايىدا كۈچەش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش

日期:2019年03月27日
来源:新疆日报
【字体:

■ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش، تۈر ئامبىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتتە، پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.

■«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنىڭدا تەربىيەلەش، كادىرلار نېمىدە يېتەرسىز بولسا شۇنى تولۇقلاش» پىرىنسىپى بويىچە، كەنت دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرلىرىنى ياخشى كۇرسانت قىلىش، تىرىشىپ كەنت دەرىجىلىك نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىكى زېرەك ئادەم قىلىش، دېھقان - چارۋىچىلارنى بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەش.

■پەن - تېخنىكىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، پەن - تېخنىكىنى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە يەتكۈزۈش، پەن - تېخنىكىنى ئېتىز بېشىغىچە يەتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بىر تۈركۈم يېزا كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى، بېيىش باشلامچىلىرى، پەن - تېخنىكىدا زېرەك ئادەملەرنى يېتىشتۈرۈش، دېھقانلارنىڭ پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش.

نۆۋەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇر قىش، بۇ يىل ئەتىيازدىكى ئۈچ ئاي ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، قىشتىكى ئارىسال ۋاقىتنى قىشتىكى ئالدىراش ۋاقىتقا ئۆزگەرتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە «قىشلىق ھۇجۇم»نى قانات يايدۇردى. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈر ئامبىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتتە، پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

■كادىرلار توك قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇش پىكىر يوللىرى تېخىمۇ ئوچۇق بولۇش

پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ گۈللۈك يېزىسى تارانچى كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى كاڭ خۇڭجۈنگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، «قىشلىق ھۇجۇم» بويىچە تەربىيەلەش ئۇنىڭغا قانداق قىلغاندا نامرات ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلدۈردى. «ئىدىيەمدىكى مۈجمەل تونۇشنى بىردىنلا بۇزۇپ تاشلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قارىتا پۈتۈنلەي يېڭى تونۇشقا ئىگە قىلدى، پىكىر يوللىرىم تېخىمۇ ئېچىلدى» دېدى 3- ئاينىڭ 24- كۈنى كاڭ خۇڭجۈن مۇخبىرغا.

2018- يىلىنىڭ بېشىدا، كاڭ خۇڭجۈن نامراتلىق نىسبىتى %58.2كە يېتىدىغان تارانچى كەنتىگە 1- شۇجىلىققا ئەۋەتىلدى، تارانچى كەنتىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ناچار، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ئاجىز، تۇپراقنىڭ شورلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرسىز، «كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسى مەۋجۇت.

«تەربىيەلىگۈچى مۇئەللىمنىڭ چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، چۈشىنىشلىك دەرسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، نۇرغۇن مەسىلىلەرگە نەزەرىيە جەھەتتىن ئاساس تاپتىم، خىزمەتتە ئەسلىدە ھەل قىلىش تەس دەپ قارىغان، قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا كىرىش نۇقتىسى تاپتىم، شۇنداقلا ھەل قىلىش چارىسىگە ئىگە بولدۇم.» كاڭ خۇڭجۈن مۇنداق دېدى: كەنت بۇلتۇر لۇشىن گۇرۇھىنىڭ 600 مىڭ يۈەن مەخسۇس تۈر نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ ئىككى زەيكەش چاپتى، بۇ يىل يەنە بىرنى چېپىپ، تۇپراقنىڭ شورلىشىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، دېھقانچىلىقنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.

كاڭ خۇڭجۈن مۇنداق دېدى: «بىز پەيزاۋات قويى، ئىنىكى باقمىچىلىقىنى كەنتنىڭ تۈۋرۈكلۈك كەسپى قىلىپ زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز.» تارانچى كەنتىدىكى ھەربىر ئائىلىدە ئوتتۇرىچە بىر كالا، ئون قوي بولۇپ، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسى بىر قەدەر ياخشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىشتىكى بىردىنبىر تاللاش.

«قىشلىق ھۇجۇم»دا، پەيزاۋات ناھىيەسى كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەشنى تۇتۇشنى كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭراتتى. «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنىڭدا تەربىيەلەش، كادىرلار نېمىدە يېتەرسىز بولسا شۇنى تولۇقلاش» پىرىنسىپى بويىچە، دىققەتنى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت كادىرلىرى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تىپىك مەسىلىلەرنى، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى ۋە گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاپ، كەنت دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرلىرىنى ياخشى كۇرسانت قىلىپ، تىرىشىپ كەنت دەرىجىلىك نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىكى زېرەك ئادەم قىلىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنى بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.

■ئاممىنىڭ جاسارىتى ئۇرغۇش يۆنىلىش تېخىمۇ ئايدىڭلىشىش

يېقىنقى نەچچە كۈندە، ئاقچى ناھىيەسىنىڭ ساپارباي يېزىسى قارا بۇلۇڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ماكەن مەمتىمىن ھەر كۈنى دېگۈدەك ئېتىزلىققا قاترىدى. «بۇ يىل مەن يەنە داۋاملىق ياڭيۇ تېرىيمەن، دېھقانچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى باشقۇرۇش تېخنىكا - ماھارىتىنى قولمۇقول ئۆگەتسە، ھوسۇل جەزمەن ئاشىدۇ» دېدى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى ماكەن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

3- ئاي كىرىشى بىلەن، ئاقچى ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ قارا بۇلۇڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترىتى ئىلمىي تېرىقچىلىقنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان چوڭ دەرسخانا ئۇيۇشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق تېخنىك تايانچلىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش ماھىرلىرى، كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تېخنىكلىرى قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ياڭيۇ تېرىش ھەم كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، تىراكتور ئاسراش ۋە رېمونت قىلىش، مېۋىلىك دەرەخلەرنى پۇتاش ۋە ئۇلاش قاتارلىق تۈرلۈك ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكىلارنى چۈشەندۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىشى، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشى، كىرىمنى كۆپەيتىشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى.

خىزمەت ئەترىتى مەركەزلىك تەربىيەلەش بىلەن ئەمەلىي ئوقۇتۇشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە «قىشلىق ھۇجۇم» چوڭ دەرسخانىسىنى ئېتىز بېشىغا كۆچۈرۈپ، مەسىلىگە قارىتا نەق مەيداندا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، گۇمانىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. «بۇنداق تەربىيەلەش دەل ۋاقتىدا بولدى، ناھايىتى ئەسقاتتى، مەن نۇرغۇن ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكىنى ئۆگىنىۋالدىم، بۇنىڭ ماڭا چوڭ ياردىمى تېگىپ، مېنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىققا تايىنىپ كىرىمنى كۆپەيتىش ئىشەنچىمنى يەنىمۇ چىڭىتتى» دېدى ماكەن كۈلۈپ تۇرۇپ.

بۇلتۇر قىش، بۇ يىل ئەتىياز ئاقچى ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا - بازارلىرى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش ھەم «قىشلىق ھۇجۇم» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، پەن - تېخنىكىنى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە يەتكۈزۈش، پەن - تېخنىكىنى ئېتىز بېشىغىچە يەتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بىر تۈركۈم يېزا كەسپىي تېخنىك خادىملىرى، بېيىش باشلامچىلىرى، پەن - تېخنىكىدا زېرەك ئادەملەرنى تەربىيەلەپ، «كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز تۈگىتىپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، دېھقانلارنىڭ پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى، بېيىشىغا ياردەم بەردى.

■تۈرگە بالدۇر تۇتۇش قىلىش بېيىشتا يول بولۇش

3- ئاينىڭ 24- كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىسى ئۇرۇقچىلىق يۇقارقى چوغتال كەنتى ئۆزگىچە قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، پۈتۈن كەنتتىكى كەنت ئاھالىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى قۇرۇش، ئۈزۈم كارىدورى ياساشتىن ئىبارەت ئىككى نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى چۆرىدەپ ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

شۇ كۈنى، كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە تۇرسۇن مامۇت چوڭقۇر ئورەك كولاش، كولاشنىڭ قىيىن - ئاسانلىق دەرىجىسىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولدى. كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى قۇرۇشتىن ئىبارەت نامراتلارنى يۆلەش تۈرى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن ئۆتۈپ، رەسمىي قۇرۇلۇش باشلاندى، بۇ خۇش خەۋەر تۇرسۇننى نەچچە كۈنگىچە خۇشال قىلدى.

تۇرسۇن ئۆزىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىنى ئويلاپ قويغانىدى: «مەن بازاردا بىر نەچچە يايما يېيىپ، ھەر كۈنى كۆكتات ۋە مېۋە - چېۋە سېتىۋېلىپ، بىر تەرەپتىن، بازاردا پارچە ساتىمەن، يەنە بىر تەرەپتىن، توپ ساتىمەن، مۇشۇ ياخشى سۇپىدىن پايدىلىنىپ نامراتلىقتىن تېز قۇتۇلىمەن!»

ئەمەلىيەتتە، تۇرسۇننىڭ پىلانى بۇلا ئەمەس، يىلنىڭ بېشىدا، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ئۇنىڭغا بۇ يىل كەنتنىڭ 2 مىليون 500 مىڭ يۈەن نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىگە ئېرىشكەنلىكىنى، ئەمدى 1300 مېتىر كەنت يولىدا ئۈزۈم كارىدورى ياساپ، ئەتراپتىكى 200 ئائىلىلىكتىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ دېھقانلار ئارامگاھى تىجارىتى قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ نامراتلارنى يۆلەش تۈرىگە تايىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىن كەنتتە ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش، دېھقان ئائىلىلىرى يېمەك - ئىچمىكى، كۈتۈنۈش - ساقلىقنى ساقلاش، يېزا - قىشلاق ساياھىتى بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ئىستىراھەت، يېمەك - ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش دېھقانلار چوڭ قورۇقى شەكىللىنىدۇ. «خوتۇنۇممۇ ئۈزۈم كارىدورىدا بىر كۆكتات، مېۋە - چېۋە دۇكىنى ئېچىپ، قوشۇمچە يېڭى مېۋە شەربەتلىرىنى ساتسا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن ئائىلىمىز ئىككى ئۈلۈش كىرىمگە ئىگە بولىدۇ، مۇشۇلارنى ئويلىسام، بازارنىڭ تېزرەك پۈتۈشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن» دېدى تۇرسۇن كۈلۈپ تۇرۇپ.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە «قىشلىق ھۇجۇم» قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىدە «شىددەت بىلەن» قۇرۇلۇش باشلاندى. ھازىر، ھەرقايسى جايلار ھەر ئايدا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش سۈرئىتىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، ھەرقايسى ھالقىلاردا ئىز قوغلاپ ئۈنۈم سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.