تولى ناھىيەسى: تورتچى ئەر-ئايالنىڭ بېيىش يولى

日期:2019年03月22日
来源:天山网
【字体:

تولى ناھىيەسىدىكى «يېشىل نازۇ نېمەت» تورت دۇكىنىغا كىرسىڭىز، قاردەك ئاپئاق تام، پاكىز يەر، مال جاھازىسى ۋە توڭلاتقۇ ئىچىگە رەتلىك تىزىلغان ھەر خىل تورتلاردىن، دۇكاندارنىڭ تۇرمۇشنى سۆيىدىغان، ئەستايىدىل ھەم تىرىشچان كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايسىز.

بۇ ياش دۇكاندارنىڭ ئىسمى ئامانجول ئابىلقايىر بولۇپ، تولى ناھىيەلىك دولاتى يېزىسى سايباغ كەنتى ئاھالىسى، ئۇنىڭ ناھىيە شەھىرىدە تورت دۇكىنى ئاچقىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشتى. ئىلگىرى ئامانجول ئائىلىسى كۆچمەن تۇرمۇش كەچۈرەتتى، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئايالى ماديلا دۇيسەنقان بىلەن قانداق قىلىپ ئائىلە ئىقتىسادىي شارائىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدا ئىزدەندى. تولى ناھىيەلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بۇ بىر جۈپ ياش ئەر-ئايالنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارغا ياردەملىشىپ ئەقىل كۆرسەتتى، ئۇلار تورت دۇكىنى ئېچىشنىڭ ياخشى تاللاش ئىكەنلىكىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن 50 كىۋادرات مېتىرلىق تورت دۇكىنىغا ۋېۋىسكا ئېسىپ تىجارەت باشلىدى.

تورت دۇكىنىدىكى تورتلارنىڭ تۈرى كۆپ، تولۇق، تەمى ياخشى، باھاسى مۇۋاپىق بولغاچقا، دۇكانغا كېلىپ سېتىۋالغۇچى خېرىدارلار بارغانسىرى كۆپەيدى، سودىمۇ بارغانسىرى روناق تاپتى. ماديلا دۇيسەنقان مۇنداق دېدى: دۇكىنىمىز كىچىك بولغىنى بىلەن كۈنلۈك ساپ كىرىم 200 يۈەن ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ. ئەجىر قىلسىڭىزلا، نەتىجىسىنى كۆرىدىكەنسىز. ھازىر بىز يېڭى ئۆي، يېڭى ماشىنا ئېلىپلا قالماي يەنە تىجارەت كۆلىمىمىزنى چوڭايتىشنى پىلانلاۋاتىمىز.

ماديلا دۇيسەنقاننىڭ تورت ۋە پېرەنىك پىشۇرۇش ھۈنىرىنىڭ بۇنچىۋالا ئالقىشقا ئېرىشىشىدە، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ تۆھپىسى كۆپ بولدى، دۇكان ئېچىشتىن ئىلگىرى، ماديلانى كەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن تورت ۋە پېرەنىك ئۇستىسى تەربىيەلەش سىنىپىغا ھەقسىز قاتناشتۇردى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر تورت دۇكىنى تېپىپ ئۇنى شاگىرتلىققا بېرىپ، كۆپ تەجرىبىلىك قىلدى.

تورت دۇكىنى سودىسىنىڭ كۈنسايىن ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەر-ئايال ئىككىيلەننىڭ ئويلىرىمۇ بارغانسرى كۆپەيدى. ئۇلار تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئويلىدى. شۇ كەنتتىكى كۇلسىنقان دالەلقاننىڭ مۇقىم كىرىمى يوق بولۇپ، ئامانجول ئەر-ئايالنىڭ ياردىمىدە، ئۇ تورت دۇكىنىدا شاگىرت بولۇپ ھۈنەر ئۆگەندى يەنە تېخى ئېيىغا 2000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئېلىپ، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

كىچىك تورت دۇكىنى بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايالنىڭ بېيىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، « بىز ئەسلىلا تىرىشچان، بۇنىڭغا ياخشى سىياسەتنىڭ ياردىمى قوشۇلغاندىن كېيىن، بىزنىڭ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ»دېدى ئامانجول.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چىكىپ كۆرۈڭ