«بۇلتۇر خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە 1500 تەشتەك گۈل تېرىپ، 14 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدىم، بۇ يىل 5000 تەشتەك گۈل تېرىدىم، مۆلچەرىم بويىچە بۇنىڭدىن 70 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن.» توقسۇ ناھىيەسى تامتوغراق يېزىسى كۆيۈندى يېڭىئېرىق كەنتى ئاھالىسى نىياز ئىمىن تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ پارنىكتا تەشتەككە گۈل تېرىشتىكى «بېيىش ئۇسۇلى»نى سۆزلىدى.
نىياز كەنتتىكى تۇنجى بولۇپ تەشتەك گۈل تېرىقچىلىقىنى سىناق قىلغان دېھقان ئائىلىسى. تەشتەك گۈل تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىش سەۋەبى تىلغا ئېلىنغاندا، ئەزەلدىن كەم سۆز نىياز ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى. ئۇ 2018-يىلى ئەتىيازدىكى بىر «بازار كۈنى»دە نۇرغۇن ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ لۈلو، گۈلسامساق، زەمىرگۈل قاتارلىق گۈللەرنى سېتىۋاتقانلىقىنى، سودىسىنىڭ ئىنتايىن قايناق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، بىر كىچىك تەشتەكتىكى گۈلدىن 10 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ، بۇنى بېيىشتىكى بىر ياخشى يول ئىكەن دەپ ئويلىدى، ئۇ شۇ قىزغىنلىقتا دەرھال ھالدا كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا بېرىپ، شۇ ۋاقىتتىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ چاڭيوڭغا ئۆزىنىڭ گۈل-گىياھ ئۆستۈرگۈسى بارلىقىنى ئېيتتى.
شۇ چاغدىكى كۆرۈنۈشلەر ھېلىھەم نىيازنىڭ ئېنىق ئېسىدە بار ئىدى، جاڭ ئەترەت باشلىقى ئۇنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن يوتىسىغا بىرنى ئۇرۇپ: «ماقۇل، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر سىزگە ياردەملىشىپ تېخنىك يېتەكچىسى ۋە خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەش نۇقتىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ بېرەيلى، بېيىغاندىن كېيىن يەنە كەنتتىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرەلەيسىز» دېدى.
نىياز 2018-يىلى 4-ئايدا گۈل پارنىكلىرىنى ياسىدى ھەم ئۇلارنى گۈل تېرىلغان تەشتەكلەر بىلەن تولدۇرىۋەتتى، ئارقىدىن، شاخلىرىنى كەستى، ئوغۇتلىدى، دورا چاچتى..... ئۇ ھەر بىر تەشتەكتىكى گۈل-گىياھنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلدى: قايسى تەشتەكتىكى گۈل بىخ چىقارسا، ئۇ شۇ تەشتەككە بىر كىچىك ۋاراق چاپلاپ، بىخ چىقارغان كۈننى يېزىپ قويدى......«قەغەز چاپلاندى دېگەنلىك، شۇ تەشتەكتىكى گۈلنىڭ بىر ئايدىن كېيىن نەق پۇلغا ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ!» دېدى نىياز كۈلۈپ تۇرۇپ.
بىر يىل ئىزدىنىشتىن كېيىن، نىياز تەشتەكتە گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈشنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىدى، ئۇنىڭ تەشتەكتە گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈش ئىشىمۇ يېزىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقالدى، تېرىقچىلىق قىلىشقا ھەۋىسى بار نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلاپ بەس-بەستە كېلىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ ئۆگەندى.
«گۈل ئاچقان بۇ گۈلسامساقنى بوش چاغلىماڭ، بازاردا 25 يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ، 10 نەچچە يۈەن ساپ پايدا قالىدۇ. بۇ خىل گۈلسامساقتىن مەن بۇ يىل 300 تەشتەك تېرىدىم» دېدى نىياز.
سېتىش يولى تىلغا ئېلىنغاندا نىياز تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن: «سېتىش يولى مەسىلە ئەمەس، ئەتراپ ناھىيەلەردە تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن گۈللەرنى سېتىۋالىدىغان سودىگەرلەر بار، ئۇلار بىلەن سودا ئالاقەم قويۇق، شۇڭا، گۈللەرنى سېتىش جەھەتتە ئەنسىرەپ باقمىدىم. بۇ يىل مەن گۈل-گىياھ يېتىشتۈرۈش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، بالدۇرراق باي-باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تىرىشىمەن» دېدى. (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ۋاڭ مىڭلياڭ، جوڭ گولىن تەمىنلىگەن)