[ئىشچانغا باھار بالدۇر كېلىدۇ] قوش يوپۇقلۇق قوغۇن-تاۋۇز تېرىش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى

日期:2019年03月21日
来源:天山网
【字体:

كەنت ئاھالىلىرى قوش يوپۇقلۇق قوغۇن جازىسىنى ئوڭشىماقتا.

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى قومۇشئېرىق يېزىسى ئوۋچى كەنتى ئاھالىسى ئەھەت ئابدۇمۆمىن مۇنداق دېدى: بۇلتۇر مەن ئەركىن ياسىن دوكتورنىڭ يېتەكچىلىكىدە 1 مو يەرگە قوش يوپۇقلۇق تاۋۇز تېرىپ، 3000 يۈەن كىرىم قىلدىم، بۇ يىل 11 مو يەرگە قوش يوپۇقلۇق تاۋۇز تېرىدىم.

يېقىندا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئوۋچى كەنتى 520 مو يەرگە قوش يوپۇقلۇق قوغۇن-تاۋۇز تېرىدى، ئەھەت مۇنداق دېدى، قوش يوپۇقلۇق قوغۇن-تاۋۇزدىن ھوسۇل بالدۇر ئېلىنىدۇ، 7-ئاينىڭ باشلىرىدا ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن ئورنىغا يەنە بەسەي تېرىغىلى بولىدۇ، بۇلتۇر 1 مو تاۋۇزلۇقنىڭ ئورنىغا تېرىلغان بەسەيدىن 2000 يۈەن كىرىم قىلدىم، قوش يوپۇقلۇق تاۋۇزنىڭ كىرىمىنى قوشقاندا، بىر مو يەرنىڭ ساپ كىرىمى 5000 يۈەندىن ئاشتى.

ئەھەت تىلغا ئالغان ئەركىن ياسىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قومۇل قوغۇنى تەتقىقات مەركىزىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى. 2018-يىلى، ئۇ ئوۋچى كەنتىدە تۇرغان مەزگىلدە، كەنت ئاھالىلىرى تېرىغان 212 مو يەردىكى قوش يوپۇقلۇق قوغۇندىن مول ھوسۇل ئېلىشقا يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، قوش يوپۇقلۇق قوغۇن-تاۋۇز + كۆكتات تېرىش ئەندىزىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 86 نامرات ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغان. بۇ يىل، ئوۋچى كەنتىنىڭ قوش يوپۇقلۇق قوغۇن-تاۋۇز تېرىش كۆلىمى 520 موغا يېتىپ، پۈتۈن كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 203 نامرات ئائىلىنى قاپلىدى.

ئوۋچى كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئوۋچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جىن پىڭ مونۇلارنى بىلدۈردى، بۇ يىل ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇپ پاختا سۈپىتىنى ياخشىلاش ئاساسىدا، قوش يوپۇقلۇق قوغۇن-تاۋۇز ۋە خاس كۆكتاتلارنى ئوۋچى كەنتىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىدىغان كەنت كەسپى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى كېڭەيتىشنىڭ مۇھىم يولى قىلىمىز.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ