导航切换

6-ئومۇمىي يىغىن روھى ئاساسىي قاتلامدا | گىندىن يېڭى كەنتىدىكى «ئەڭ گۈزەل» مەنزىرە

日期:2021年12月09日
来源:天山网
【字体:

11-ئاينىڭ 19-كۈنى، بورتالا شەھىرىنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش داپېڭچې لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى ئوتبۇلاق بازىرى گىندىن يېڭى كەنتىدە ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى، كاڭ خاۋيەن

بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرى گىندىن يېڭى كەنتى ناھايىتى گۈزەل، ئاسفالت يوللىرى كەڭ ھەم تۈز، ئەمىن ئۆيلەر رەتلىك، يورۇق، مەدەنىيەت مەيدانىنىڭ لايىھەلىنىىشى ئۆزگىچە ... شۇنداقتىمۇ يۇرتداشلار مۇنداق دەيدۇ: ئەڭ گۈزەل بولغىنى يەنىلا ھەر ئايدا باھالاپ چىقىلغان ئىلغار تىپلار.

«بۇ ئايدا باھالاپ چىقىلغان <ئەڭ گۈزەل> ئىلغار تىپلار: <ئەڭ گۈزەل ئۆگىنىش ئۈلگىسى> ما يىنيىن، <ئەڭ گۈزەل كەنت دوختۇرى> ياڭ شىنجۈەن، <ئەڭ گۈزەل پىدائىي> ما شياۋخۇ، ما ۋېنكەي... » 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، گىندىن يېڭى كەنتىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆيىدە، بورتالا شەھىرىنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش داپېڭچې لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلغاندىن كېيىن، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما جيەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئوقۇدى.

ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە «ئەڭ گۈزەل» شەرەپكە ئېرىشكەن كەنت ئاھالىلىرى ئارقا-ئارقىدىن سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات گۇۋاھنامىسىنى ئالدى، كەنت ئاھالىلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى بەس-بەستە يان تېلېفونىدا سۈرەتكە تارتتى. ھەربىر «ئەڭ گۈزەل» ئىلغار تىپنى كەنت ئاھالىلىرى سايلاپ چىققان بولۇپ، ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىدىكى چولپانلار ئىدى.

گىندىن يېڭى كەنتىدە دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقان كەنت ئاھالىسى ما يىنيىن مۇكاپات گۇۋاھنامىسىنى ئاۋايلاپ سالغاندىن كېيىن، تېزدىن ئۆيىگە قايتىپ خېرىدارلارنى كۈتتى. ئۇ ئەسلىدە بورتالا شەھىرىنىڭ پىيادىلەر سودا كوچىسىدىكى كەچلىك بازاردا يايما ئاچاتتى، كەنتنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۆرۈپ يېتىپ، كەنتكە قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشنى تاللىدى. ئۇ كىشىلەرگە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغان، ئاكتىپ ئىشلەيدىغان بولغاچقا، ئىلگىرى «ئەڭ گۈزەل بېيىش باشلامچىسى»، «ئەڭ گۈزەل پىدائىي»، «ئەڭ گۈزەل قوشنا» بولۇپ باھالانغان.

«مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئۇچرىشىدىغان ئادىمى كۆپ، مەن مېھمانلار بىلەن ئەتراپىمدىكى ئۆزگىرىشلەر، ئۆزۈمنىڭ ئوي-خىياللىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرگەچكە، بارا-بارا پۇقرا تەشۋىقاتچىغا ئايلاندىم. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، مەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگەندىم ھەم ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشىمگە بىرلەشتۈرۈپ لېكسىيە سۆزلەپ، <ئەڭ گۈزەل ئۆگىنىش ئۈلگىسى> بولۇپ باھالاندىم» دېدى ما يىنيىن خۇشال ھالدا.

بورتالا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ گىندىن يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى تۇ شىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2016-يىلى، بورتالا ۋوگزالىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كۆچۈرۈلگەن ئۈچ كەنتنىڭ كەنت ئاھالىلىرىدىن ھازىرقى گىندىن يېڭى كەنتى تەشكىللەنگەن. يېڭى كەنتنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن. كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئوتبۇلاق بازىرىدىكى «ئەڭ گۈزەل ئوتبۇلاق بازىرى كىشىلىرى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مىكرو ھەرىكىتى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، 2018-يىلىدىن باشلاپ ھەر ئايدا بىر تۈركۈم «ئەڭ گۈزەل» ئىلغار تىپلارنى باھالاپ چىققان.

«كەنتنىڭ نۇقتىلىق خىزمىتى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھەر ئايدا باھالاپ چىقىلغان< ئەڭ گۈزەل> ئىلغار تىپلار ئوخشىمايدۇ. بۇ مەزگىلدە، بىز ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتى، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش، ياردەم بېرىش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، <ئەڭ گۈزەل> دېگەن شەرەپنى تەسىس قىلدۇق. 2018-يىلىدىن بۇيان، كەنت بويىچە 500دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ئوخشاش بولمىغان <ئەڭ گۈزەل> شەرەپكە ئېرىشتى» دېدى تۇ شىن.

كەنت ئاھالىسى ما گولۇ، ما ۋېنكەي ئاتا-بالا يەر تېرىغاندىن سىرت، ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشلەپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى. كۆپچىلىكنىڭ «ئەڭ گۈزەل» ئىلغار تىپلاردىن بولۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلار كەنت ئاھالىلىرى نۆۋەتچىلىك چارلاش ئەترىتىگە قاتناشتى، يەنە شەخسىي ئاپتوموبىلى بىلەن كەنتكە ماددىي ئەشيالارنى ھەقسىز توشۇپ بەردى.

«كەنتىمىز كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت، كۆپچىلىك خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتىدۇ. قىيىنچىلىقى بار يۇرتداشلارغا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمىز» دېدى «ئەڭ گۈزەل قوش بىرلەشمە ئائىلە ۋەكىلى» بولۇپ باھالانغان كەنت ئاھالىسى زېڭ شيۇيىڭ.

مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، گىندىن يېڭى كەنتى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش داۋامىدا، «ئەڭ گۈزەل» ئىلغارلارنى باھالاش پائالىيىتىنى كەسىپ تەرەققىياتى، ماھارەت تەربىيەسى قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن يەنىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ئاتلىنىپ، تېخىمۇ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان.