11-ئاينىڭ 26-كۈنى، بىر ئىشچى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا.
يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت خەۋىرى شىنجاڭ ئەنخېڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشىدىكى مۇھىم كارخانا، بۇ شىركەتنىڭ 15 مىليون دانىلىق سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان يىغىپ قاچىلاش خالتىسى ئىشلەپچىقىرىش تۈرىگە جەمئىي 510 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، 1-قارارلىق قۇرۇلۇش 2020-يىلى 9-ئايدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 180 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 290 كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
11-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ ئەنخېڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىدە، بىر ئىشچى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا.
يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى
11-ئاينىڭ 25-كۈنى، بىر ئىشچى نان ياقماقتا.
يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى
توقسۇ ناھىيەسى «نان مەدەنىيىتى»نى قېزىشنى ئاساس، شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائام مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، خاس ماركا يارىتىش، ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلىشنى نىشان قىلىپ، يېمەك-ئىچمەك، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش، ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنى بەرپا قىلدى. ھازىر بۇ كەسىپلەر باغچىسىدا ئېكولوگىيەلىك تونۇردىن 100ى بار بولۇپ، كۈنىگە 30 مىڭ نان يېقىلىدۇ، ئۇ يەنە 200دىن ئارتۇق كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
11-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئىشچىلار كەسىپلەر باغچىسىدا نان ياقماقتا.
يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى
11-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئىشچىلار كەسىپلەر باغچىسىدا نان ياقماقتا.
يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى
11-ئاينىڭ 27-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۇچا بازىرى ئىككىنچى ئۇچا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇراخمان توختى (ئوڭدا ) يەرلىك سوپۇن ياسىماقتا.
نىياز راخمان فوتوسى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇچا شەھىرى ئوندىن ئارتۇق يەرلىك سوپۇن ياساش ئائىلىسىنىڭ كىچىك ھۈنەرخانا ئېچىشىغا يۆلەك بولۇپ، يىلىغا 1200 توننىغا يېقىن يەرلىك سوپۇن ئىشلەپچىقىرىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.
11-ئاينىڭ 27-كۈنى، كۇچا شەھىرى ئۇچا بازىرى ئىككىنچى ئۇچا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇراخمان توختى ( ئوڭدا ) يەرلىك سوپۇن ياسىماقتا.
نىياز راخمان فوتوسى