باي ناھىيەسى: ئۆچكە باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ باي ‏بولۇشقا ياردەم بېرىش ‏

日期:2019年03月20日
来源:天山网
【字体:

«ئۆيۈمدە ئەسلى 13 تۇياقلا ئۆچكە بار ئىدى، بۇلتۇر خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر مېنى باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، مېنىڭ ئاز سوممىلىق ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىپ، 30 ئۆچكە سېتىۋېلىشىمغا ياردەم بەردى، ھازىرغىچە مەن باققان ئۆچكىلەر 80 تۇياقتىن ئاشتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 20 تۇياق ئۆچكىدىن پات ئارىدا تۆل ئالىمەن، بۇنداق بولغاندا، بۇ يىل قەرزنى قايتۇرۇپ بولالايمەن، يەنە تېخى كىرىمىممۇ ئاشىدۇ» دېدى باي ناھىيەسى قىزىل يېزىسىنىڭ چۇنا كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ھىمىت راخمان خۇشال ھالدا.

ھىمىت بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا لەڭپۇڭ سېتىپ بىر ئاز پۇل يىغىپ بىر ساغلىق سېتىۋالغانىدى، بىر نەچچە يىل كۆپەيتىپ بېقىش ئارقىلىق ئۆچكىلىرىنىڭ سانى 10دىن ئاشتى، ھىمىت بۇ جەرياندا ئۆچكە بېقىش تەجرىبىلىرىنى توپلىدى، ئەمما، ئېشىنچا مەبلەغ بولمىغانلىقتىن، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتمەكچى بولسىمۇ، بار ئۆچكىلەرگە تايىنىپ ئاستا-ئاستا كۆپەيتىشتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بۇ ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپىنىڭ ھىمىتقا 15 مىڭ يۈەن ئاز سوممىلىق قەرز بېرىشىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ مەبلەغ كەمچىل بولۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى تۇرسۇن مەمەت مۇنداق دېدى: ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر بېكىتىپ، ئامما نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا، شۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىشەنچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاممىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ باي بولۇشقا يېتەكلەش بىزنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىمىز. كېيىنكى قەدەمدە بىز يەنە قوي-كالا باقمىچىلىقى، سېتىش قاتارلىق تەرەپلەرگە كۈچ چىقىرىپ، چۇنا كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىمىز. (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن سۇڭ يەن، لى تيەنشياڭ تەمىنلىگەن)

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ