【6-ئومۇمىي يىغىن روھى ئاساسىي قاتلامدا . سۈرەت】
11-ئاينىڭ 19-كۈنى، شاللىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسىئۆيىدە ئاچقان كەشتىچىلىك دۇكىنىدا كەشتە مەھسۇلاتىئىشلىمەكتە.
11-ئاينىڭ 19-كۈنى، شالدىن مول ھوسۇل ئالغان كەنت ئاھالىسىنىڭ چېھرىدەمول ھوسۇل خۇشاللىقى جىلۋىلەندى.
11-ئاينىڭ 18-كۈنى، شاللىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسىھويلىسىغا تېرىغان بەسەينى يىغىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
11-ئاينىڭ 18-كۈنى، شاللىق كەنتىدىكى «چالغۇلار ئائىلىسى»دە، كەنت ئاھالىلىرىئۆزلۈكىدىن تەشكىللەنگەن ئەدەبىيات-سەنئەت ئەترىتى ئەستايىدىل رېپېتىتسىيە قىلماقتا.
خوتەن ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق بازىرى شاللىق كەنتىگە بوشلۇقتىن نەزەر (11-ئاينىڭ 18-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). بۈگۈنكى كۈندە شاللىق كەنتىدە شال ئېتىزلىرى تۇتاش كەتكەن بولۇپ، ئۆزگىچە قۇملۇقشال ئېتىزى مەنزىرىسى قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدىكى بۇ كەنتنىيېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل، ئۆتكۈر نىجات خەۋىرى، فوتوسى)مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئورغاقسىمان شال ئېتىزى، تۈپتۈز، پاكىز كەنت يولى، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە دېھقان ھويلىلىرى... قىشتا ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا، خوتەن ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق بازىرى شاللىق كەنتىگە كىرسىڭىز، كەسىپلەر گۈللەنگەن، يېزا-كەنتلەر گۈزەل، دېھقانلار بايبولغان بەخت يۆگىمە رەسىمى ئاستا-ئاستا كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ.
شاللىق كەنتى ئۇزاق شال ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە بولۇپ، بۇ يەردىن چىققان گۈرۈچنىڭ دېنى پۈتۈنھەم قىزىل سىزىقچىسى بار بولۇپ، بازاردا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن، شاللىق كەنتىمۇ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان.
يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتەك شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، شاللىق كەنتى يېزا-قىشلاق ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى . مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت كەنتىئورۇن بەلگىلىشىگە ئاساسەندەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، «غىزالىنىش، قونۇش، ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش، تاماشا قىلىش» بىر گەۋدە قىلىنغان مىللىي ئۆرپ-ئادەت خاس كەنتىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىش يولىغا ماڭدى.
ئىللىق قۇياش نۇرىدا، «ياڭ گۇاڭ» ماگىزىنى ئالدىدا تۇرغان ھاجىگۈل تۇردىمەمەت شال ئېتىزى تەرەپكە قاراپ ئولتۇرۇپقولىدىكى «باي-باياشات» كەشتىسىنىكەشتىلىدى: شاللىق پولۇخانىسىنىڭ لوبىنى ئەخمەتتوختىئىقىلىمئەمدىلا پىشقان پولۇغا قاراپچىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى؛ كونا تونۇر پۇقراۋى قونالغۇسى ئالدىدا، مەتتۇرسۇن ئالاۋۇدۇننىڭ خوتۇنىبىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، بىر تەرەپتىن سامسا جىلتىسىئېچىۋاتاتتى... بۈگۈنكى شاللىق كەنتىنى كەنت ئاھالىلىرى بارغانسېرى ياخشى كۆرۈپ قالدى، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان غەيرەت ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىتولۇپ تاشتى.
ئاستا-ئاستا قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى، ساياھەتچىلەرنى ئۇزىتىپ قويغان شاللىق كەنتى يەنە قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، چوڭلار، بالىلار كەنت ئېغىزىدىكى «چالغۇلار ئائىلىسى»نىڭ ھويلىسىدا ئىككى-ئۈچتىن بولۇپ چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، ئامراق دۇتارىنىچېلىشىپ، شادىيانە ئۇسسۇلغا چۈشتى... ئىلگىرىكى «قۇم بارخانلىرى»بۈگۈنكى كۈندە «خۇش پۇراقلىق شاللىق»قا ئايلاندى، بۇ، شاللىق كەنتىدىكى 219 كەنت ئاھالىسى بىر جۈپ قولىغا تايىنىپسىزىپ چىققان گۈزەل يۆگىمە رەسىم ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، كەنت ئاھالىلىرى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىروھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ داغدام يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.